پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن كېيىن بۇ كەلىمىلەرنى دەيتتى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن كېيىن بۇ كەلىمىلەرنى دەيتتى

ئەبۇ زۇبەير مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى زۇبەير ھەر نامازدا سالام بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، بارلىق مۇلكىيەت ۋە پادىشاھلىق ئۇنىڭ ئۈچۈندۇر، بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھقا ئائىتتۇر، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، بىز پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز، بارلىق پەزىلەت ۋە گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىمىز گەرچە بۇنى كاپىرلار ياقتۇرمىسىمۇ» ۋە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن كېيىن بۇ كەلىمىلەرنى دەيتتى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدا سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن مۇشۇ ئۇلۇغ زىكىرلەرنى ئېيتاتتى، ئۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق: يەنى ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد بەرھەق يوق. ئاللاھ يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، يەنى: ئاللاھقا ئىلاھلىقتا ، پەرۋەردىگارلىقتا ۋە ئىسىم -سۈپەتلەردە ھېچ شېرىك بولغۇچى يوقتۇر. مۇلكىيەت ۋە پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، يەنى: ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ھەممە نەرسىلەرنىڭ مۇتلەق ئىگىدارچلىقى ھەممە تەرەپتىن ئاللاھقا خاستۇر. بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھقا خاستۇر، يەنى: ئاللاھ مۇكەممەل مۇتلەق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر. خۇرسەنلىك ۋە خاپىلىق ھەر قانداق ھالەتتە ئۇلۇغلۇق ۋە ياخشى كۆرۈشتە مۇكەممەل ماختالغۇچىدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، يەنى: ئاللاھنىڭ قۇدرىتى مۇكەممەلدۇر، ھەممە تەرەپتىن تولۇقتۇر، ھېچ قانداق نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ، ئاللاھ بۇيرىغان ئىشتىن ھېچ قانداق بىر ئىش باشتارتىلمايدۇ بەلكى شەرتسىز ئىجرا قىلىنىدۇ. بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە يۆتكۈلۈش پەقەت ئاللاھ بىلەندۇر. يەنى: بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكىلىش، ئاسىيلىقتىن ئىتائەتكە يۆتكىلىش ۋە كۇچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەندۇر، ئاللاھ بۇنىڭغا ياردەم بەرگۈچىدۇر، بۇنىڭدا ئاللاھ تايانچىدۇر. ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، بىز پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز، يەنى: بۇ ئىلاھلىقنىڭ مەنىسىنى كۇچلاندۇرۇش ۋە شېرىكنى رەت قىلىشتۇر، ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىرى ئىبادەتكە لايىق ئەمەستۇر. بارلىق نېئ‍مەتلەر ۋە پەزىلەت ئاللاھ ئۈچۈندۇر، يەنى: ئاللاھ نېئ‍مەتلەرنى پەيدا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر، بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ئۆز پەزلىدىن نېئ‍مەت ئاتا قىلىدۇ. گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھقا خاستۇر. يەنى: ئاللاھ تائالا زاتىدا، سۈپەتلىرىدە، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە، نېمەتلىرىدە ھەرقانداق ھالەتتە ماختاشقا سازاۋەردۇر. «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىمىز گەرچە بۇنى كاپىرلار ياقتۇرمىسىمۇ»، يەنى: ئاللاھنى يەككە يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلىشتا رىيا قىلمايدۇ ۋە باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلمايدۇ. «گەرچە بۇنى كاپىرلار ياقتۇرمىسىمۇ»، يەنى: گەرچە كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنى يېگانە بىلىشتە ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا تەۋرەنمەيدۇ.

فوائد الحديث

ھەر پەرز نامازدىن كېيىن بۇ زىكىرلەرنى ئېيتىشنى ئادەت قىلىۋېلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن ئىززەتلىك بولىدۇ، دىنى شۇئارلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ، گەرچە بۇنى كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ.

ئەگەر ھەدىستە: «نامازدىن كېيىن » دېگەن سۆز كەلسە، ھەدىستە سۆزلەنگىنى زىكىر بولسا بۇنىڭدىكى ئەسلى سالامدىن كېيىن دېگەن بولىدۇ، ئەگەر دۇئا بولسا سالامدىن بۇرۇن نامازدا بولىدۇ.

التصنيفات

نامازنىڭ زىكىرلىرى, نامازنىڭ زىكىرلىرى