?ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئوتتۇز ئۈچ تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت تەكبىر بار، بۇنى دېگەن ياكى دائىملىق ئادەت قىلغان كىشى زىيان تارتمايدۇ ۋە…

?ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئوتتۇز ئۈچ تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت تەكبىر بار، بۇنى دېگەن ياكى دائىملىق ئادەت قىلغان كىشى زىيان تارتمايدۇ ۋە پۇشايمان قىلمايدۇ

كەئەپ بىن ئۈجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئوتتۇز ئۈچ تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت تەكبىر بار، بۇنى دېگەن ياكى دائىملىق ئادەت قىلغان كىشى زىيان تارتمايدۇ ۋە پۇشايمان قىلمايدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر تۈرلۈك زىكىرلەردىن خەۋەر بېرىپ، بۇ زىكىرنى دېگۈچىلەر زىيان تارتمايدۇ، پۇشايمان قىلمايدۇ، بەلكى مۇشۇ سۆزلەرنى دېگەنلىكىگە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئەگىشىپ كېلىدۇ، ھەر پەرز نامازلاردىن كېيىن دېيىلىدۇ، ئۇلار: ئوتتۇز ئۈچ قېتىم سۇبھانەللاھ يەنى ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ نۇقسانلاردىن پاكتۇر دېيىش. ئوتتۇز ئۈچ قېتىم گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر دېيىش. بۇ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە كاتتىلاش بىلەن بىرگە مۇكەممەل سۈپەت بىلەن سۈپەتلەشتۇر. ئوتتۇز تۆت قېتىم ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىش، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىلەردىن بۈيۈكتۇر، كاتتىدۇر، ھەممە نەرسىلەردىن ئىززەتلىك، غالىپتۇر.

فوائد الحديث

تەسبىھ، تەمھىد ۋە تەكبىرنىڭ پەزىلىتى ۋە بۇلار ساۋابى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەردىندۇر.

التصنيفات

نامازنىڭ زىكىرلىرى, ئاللاھنى زىكىر قىلىشنىڭ پايدىلىرى