إعدادات العرض
1- پاكلىق ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ، سۇبھانە ئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ بۇ ئىككى كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ
2- ?ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق
3- سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇخلىغان چاغدا، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە شەيتان ئۈچ تۈگۈن چېگىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى، ساڭا كېچە ئۇزۇن ئۇخلاۋەرگىن دەپ چىڭىتىدۇ
4- پەرۋەردىگارىنى ئەسلەيدىغان كىشى بىلەن ئەسلىمەيدىغان كىشى ئۆلۈك بىلەن تىرىككە ئوخشاش
5- ھەر پەرىز نامازدىن كىيىن ئوقۇغان، ياكى قىلغانلار نائۈمىد بولمايدىغان زىكىرلەر
6- ?سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، ھەتتا رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، مۇشۇ سۆزگە يەتكەندە، ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسۇن ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توختىسۇن
7- ھەقىقەتەن شەيتان دېدىكى: ئى پەرۋەردىگار سىلىنىڭ ئىززەتلىرى بىلەن قەسەمكى، سىلىنىڭ بەندىلىرىنىڭ جانلىرى تەنلىرىدىلا بولىدىكەن، ئۇلارنى ئازدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن. پەرۋەردىگارىمىز دىدىكى: مېنىڭ ئىززىتىم ۋە ئۇلۇغلىقىم بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مەندىن مەغپىرەت تىلىسىلا مەنمۇ مەغپىرەت قىلىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن
8- كىمكى "ئەستەغپىرۇللاھ ئەللەزى لائىلاھە ئىللاھۇۋەل ھەييۇل قەييۇم ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيھى" دېسە، ھەتتا ئۇ كىشى جەڭدىن قېچىشتەك چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ