إعدادات العرض
ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق
ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق
جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئىنسان ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆيىگە كېرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق، كەچلىك يىمەكمۇ يوق دەيدۇ، ئەمما ئۆيىگە كىرىدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: سىلەر قونالغۇ تاپتىڭلار دەيدۇ، يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: سىلەر قونالغۇ ۋە كەچلىك يىمەك تاپتىڭلار دەيدۇ».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt සිංහල Hausa Kurdî Kiswahili Português Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá ไทย پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or नेपाली Malagasy Kinyarwanda Română తెలుగు Lietuvių Oromoo മലയാളം Nederlands Soomaali Shqip Српски Українська Deutsch ಕನ್ನಡ Wolof Moore ქართული Azərbaycan Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى ئۆيگە كىرگەندە ۋە يىمەك يېيىشتىن ئىلگىرى ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا بۇيرىدى، ۋە ئۆيگە كىرىدىغان ۋە يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا: "بىسمىللاھ" دەپ ئاللاھنى زىكىر قىلسا، شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە سىلەرگە قونالغۇ يوق ۋە كەچلىك يىمەكمۇ يوق، چۈنكى بۇ ئۆينىڭ ساھىبى ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن سىلەردىن ھىمايە قىلىندى دەيدۇ. ئەمما مۇسۇلمان كىشى ئۆيىگە كېرىدىغان ۋاقىتتا, يىمەك يەيدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلمىسا شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇ ئۆيدە ئۆزلىرىگە قونالغۇ ۋە كەچلىك يىمەك تاپقانلىغىدىن خەۋەر بېرىدۇ.فوائد الحديث
ئۆيگە كىرگەندە ۋە يىمەك يىگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش ياخشى كۆرۈلىدۇ. ئۆيگە كىرگەندە، يىمەك يىگەندە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلمىغان ئائىلىلەردە شەيتان قونالغۇ ۋە كەچلىك يىمەك تاپىدۇ.
شەيتان ئادەم ئەۋلادلىرىنى ئىش-ھەرىكىتى ۋە بارلىق تەسەررۇپاتلىرىدا كۈزىتىپ تۇرىدۇ. ئىنسان ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىشتىن غاپىل قالسا شەيتان مەقسەت مۇرادىغا يېتىدۇ.
زىكىر شەيتاننى قوغلاپ چىقىرىدۇ.
ھەر بىر شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە يېقىن كىشىلىرى بولىدۇ، ئۇلار شەيتاننىڭ سۆزىدىن خۇرسەنلىك ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.