إعدادات العرض
سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، ھەتتا رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، مۇشۇ سۆزگە يەتكەندە، ئاللاھدىن پاناھلىق…
سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، ھەتتا رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، مۇشۇ سۆزگە يەتكەندە، ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسۇن ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توختىسۇن
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، ھەتتا رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، مۇشۇ سۆزگە يەتكەندە، ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسۇن ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توختىسۇن».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy or Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore Kurdî Oromoo Wolof Soomaali Français Tagalog Azərbaycan Українська bm தமிழ் Deutsch ქართული Português Македонски Magyar فارسی Русский 中文الشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتاننىڭ مۇئمىننى ۋەسۋەسە قىلىپ كۆڭلىگە تاشلايدىغان سوئاللىرىدىن قۇرتۇلۇشنىڭ ئىلاجىنى بايان قىلىپ بەردى. شەيتان: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ ئاسماننى كىم ياراتتى؟ زېمىننى كىم ياراتتى؟دەيدۇ. مۇئمىن دىنى تەرەپتىن، ئەقلى تەرەپتىن ۋە تۇغما تەبىئەت تەرەپتىن: ئاللاھ ياراتتى دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. لېكىن شەيتان ۋەسۋەسىدىن بۇ دەرىجىدە توختىمايدۇ بەلكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يېتىپ: رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا مۇئمىن بۇ ۋەسۋەسىنى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىش بىلەن مۇداپىئە قىلىدۇ: ئاللاھقا بولغان ئىمان. ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھلىق تېلەش. ۋەسۋەسە بىلەن يۈرۈپ كەتمەي دەرھال توختاش.فوائد الحديث
شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ خەتىرىدىن ساقلىنىش، ئۇ توغرىدا پىكىر قىلماسلىق، ئۇنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىش.
ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلگەن شەرىئەتكە زىت كېلىدىغان ھەر قانداق ۋەسۋەسە ئۇ شەيتاندىندۇر.
ئاللاھنىڭ زاتى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشتىن چەكلەش، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ۋە ئالامەتلىرى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشقا قىزىقتۇرۇش.