إعدادات العرض
ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، نامازلىرىدا تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئارىلىقىدا جىم تۇرغانلىرىدا نېمە دەيلا؟ دېسەم رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ!…
ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، نامازلىرىدا تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئارىلىقىدا جىم تۇرغانلىرىدا نېمە دەيلا؟ دېسەم رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغىدەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن، دەيمەن، دېدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇش ئارىلىقىدا بىر ئاز جىم تۇراتتى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئارىلىقىدا جىم تۇرغانلىرىدا نېمە دەيلا؟ دېسەم رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغىدەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇيغىن، دەيمەن، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt Hausa Português Kurdî Kiswahili සිංහල دری অসমীয়া ไทย አማርኛ Svenska Yorùbá Кыргызча ગુજરાતી नेपाली Oromoo മലയാളം Română Nederlands Soomaali پښتو తెలుగు Kinyarwanda ಕನ್ನಡ Malagasy Српски Moore ქართულიالشرح
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا تەكبىر ئىھرام قىلغاندىن كېيىن پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى جىم تۇراتتى. ساھابىلەر: رەسۇلۇللاھ بۇ ۋاقىتتا بىر نەرسە ئوقۇيدۇ، دەپ ئويلىدى، چۈنكى نامازنىڭ ھەممىسى زىكىر ياكى زىكىرنى ئوقۇش بىلەن ياكى ئاڭلاش بىلەن بولىدۇ، نامازدا جىم تۇرۇش يوق. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىلىمگە ۋە سوئال سوراشقا بەك ھىرىسمەن بولغانلىقىدىن، ئۇ: ئى رەسۇلۇللاھ ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن! بۇ ئارىلىقتىكى جىم تۇرۇشلىرىدا نىمە ئوقۇيلا؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى گۇناھلىرىمدىن خۇددى ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغاندەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن، دەيمەن، دېدى. بۇ دۇئا نامازدىكى بۇ ئۇرۇنغا ناھايىتى مۇناسىپ، چۈنكى ناماز ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدىغان ئىبادەت، ناماز ئوقۇغۇچى ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ، گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىشىنى ۋە ئۇ گۇناھ بىلەن قەتئى ئۇچرىشىپ قالمايدىغان شەكىلدە يىراق قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، خۇددىى شەرىق بىلەن غەرىپ ئۇچراشمىغاندەك، ئاق كىيىمدىن كىرنى پاكىزلىغاندەك گۇناھلاردىن ئۇ كىشىنى پاك قىلىۋېتىشنى، خاتالىقلىرىنى يۇيۇپ، گۇناھ ھېرىسمەنلىكىنى بۇ ماددىلار بىلەن پەسەيتىشنى سورايدۇ. بۇ يەردە ناھايىتى ئىنچىكە ۋە ئۇيغۇن بىر ئوخشۇتۇش بار. بۇ دۇئا ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا گۇناھلىرىدىن پاك بولغان ھالدا ۋە مۇكەممەل بىر شەكىلدە تۇرىدۇ. ناماز ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزىلى ھەر خىل باشلاش دۇئالىرىنى ئوقۇپ ناماز باشلىشى كېرەك. ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ ھەدىسى سەھىھرەك بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن باشقا دۇئالارمۇ كەلگەن. ئاللاھ توغرىسىنى بىلگۈچىالتصنيفات
نامازنىڭ زىكىرلىرى