إعدادات العرض
كىمكى تاھارىتىنى كامىل ئېلىپ، جۈمەگە كىلىپ جىم ئولتۇرۇپ خۇتبە ئاڭلىسا، بۇ جۈمە بىلەن يەنە بىر جۈمە ئارىلىقىدىكى گۇناھى ۋە بۇنىڭغا يەنە ئۈچ كۈن ئېچىدىكى گۇناھى…
كىمكى تاھارىتىنى كامىل ئېلىپ، جۈمەگە كىلىپ جىم ئولتۇرۇپ خۇتبە ئاڭلىسا، بۇ جۈمە بىلەن يەنە بىر جۈمە ئارىلىقىدىكى گۇناھى ۋە بۇنىڭغا يەنە ئۈچ كۈن ئېچىدىكى گۇناھى قوشۇلۇپ ئەپۇ قېلىنىدۇ، كىمكى ئۆز قولى بىلەن ئۇششاق تاشلارنى ئېتىرىۋەتسىمۇ ئورۇنسىز ئىش قىلغان بولىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى تاھارىتىنى كامىل ئېلىپ، جۈمە نامىزىغا كىلىپ جىم ئولتۇرۇپ خۇتبە ئاڭلىسا، بۇ جۈمە بىلەن يەنە بىر جۈمە ئارىلىقىدىكى گۇناھى ۋە بۇنىڭغا يەنە ئۈچ كۈن ئېچىدىكى گۇناھى قوشۇلۇپ ئەپۇ قېلىنىدۇ، كىمكى ئۆز قولى بىلەن ئۇششاق تاشلارنى ئېتىرىۋەتسىمۇ ئورۇنسىز ئىش قىلغان بولىدۇ»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Português සිංහල አማርኛ অসমীয়া Kiswahili Tiếng Việt ગુજરાતી Nederlands پښتو नेपाली മലയാളം Svenska ไทย Кыргызча Română Malagasyالشرح
كىمكى تاھارەتنى پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە ئەدەپلىرى بىلەن مۇكەممەل ئېلىپ ئاندىن جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە كېلىپ، تېنچ ئولتۇرۇپ خۇتبە تىڭشىسا، ئۇ كىشىنىڭ شۇ خۇتبە تىڭشىغان جۈمە نامىزىدىن باشلاپ يەنە بىر جۈمەگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋە بۇنىڭغا يەنە ئۈچ كۈن قېتىلىپ بارلىق كىچىك گۇناھلىرى ئەپۇ قېلىنىدۇ، كىمكى خۇتبە ئاڭلاش جەريانىدا كىچىك تاش چاغلىق نەرسىنى ئېتتىرىۋەتسە، بۇنىڭ مەنىسى: ئۇ كىشى ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا بىكار ئىش قىلغان بولۇپ، جۈمەنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىۋەتكەن بولىدۇالتصنيفات
جۈمە نامىزىنىڭ پەزىلىتى