ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، قىيىنچىلىقنى يوقاتقىن، شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن

ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، قىيىنچىلىقنى يوقاتقىن، شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كېسىلىنى يوقلىغاندا ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، قىيىنچىلىقنى يوقاتقىن، شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، سېنىڭ شىپالىقىڭدىن باشقا شىپالىق يوق، كېسەلنى قويمايدىغان شىپالىقىڭنى (تىلەيمەن)» دېگەن دۇئانى قىلاتتى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاغرىپ قالغان ئاياللىرىنى يوقلىغاندا كېسەلنى ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ بۇ دۇئانى قىلاتتى: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى»، ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىنى تىلغا ئېلىپ يىلىناتتى، ئۇ ياراتقۇچى، ئىگە بولغۇچى، بارلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر. «قىيىنچىلىقنى يوقاتقىن»، قىيىنچىلىق بېمارغا چۈشكەن كېسەل. شىپا بېرىش: كېسەلنى ئۇنىڭدىن يوق قىلىش ۋە ساقايتىش. شىپالىق بەرگۈچى: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنىڭ بىرى، چۈنكى ئۇ كېسەللەرگە شىپالىق بېرىدۇ. «سېنىڭ شىپالىقىڭدىن باشقا شىپالىق يوق»، يەنى: ھەقىقى شىپالىق ئاللاھ تائالانىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا شىپالىق يوق، مەخلۇقنىڭ قىلغىنى پەقەت سەۋەپ، شىپالىق بەرگۈچى بولسا ئاللاھ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن كېسەل قويمايدىغان تولۇق شىپالىق بولىشىنى تىلىگەن

التصنيفات

شەرئى رۇقىيە (دەم سىلىش قاتارلىقلار), كېسەل يوقلاش ئەخلاقى