ۋەسىيەت

ۋەسىيەت

2- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەج ۋىدا قىلغان يىلى مەن ئېغىر كېسەل بولۇپ ياتقىنىمدا مېنى يوقلاپ كەلدى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ كۆرۈپ تۇرۇپلا مەن ئېغىر كېسەلدە تۇرۇپتىمەن، مېنىڭ ئېقتىسادىم بار ئادەم، ماڭا پەقەت بىرلا قىز ماڭا مىراسخور بولىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن مېلىمنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسمىنى سەدىقە قىلايمۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. مەن: يېرىمىنى سەدىقە قىلسام بولامدۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. مەن: ئۈچتەن بىرىنى سەدىقە قىلسامچۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ئۈچتەن بىرىنى قىل، ئەسلى ئۈچتەن بىرىمۇ كۆپ، مىراسخورلىرىڭنى باي ھالدا قويغۇنۇڭ ئۇلار كىشىلەردىن سەدىقە تىلەيدىغان دەرجىدە كەمبەغەل قويغۇنۇڭدىن ياخشى، سەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىت قىلىپ نېمىنى چىقىم قىلساڭ ساۋابقا ئېرشىسەن، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا بىر لوقما تاماق سەپ قويساڭمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجرىگە ئېرشىسەن، دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ ھەمراھلىرىم مەدىنىگە كەتتى، مەن ماڭالماي قېلىپ قالدىم، دېسەم. رەسۇلۇللاھ: سەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىت قىلىپ قانداق بىر ئىشنى قىلساڭ ئاخىرەتتە دەرىجە مەرتىۋەڭ ئۆسىدۇ، مەككىدە قېلىپ قېلىشىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار سەندىن مەنپەتلىنىپ، كاپىرلار سەندىن ئەرزىيەتكە ئۈچرىشى مۈمكىن، دەپ رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە دۇئا قىلدى: ئى ئاللاھ ساھابىلەرنىڭ ھىجرىتىنى تاماملىسىلا ۋە ئۇنى قوبۇل قىلسىلا! ئۇلارنى كەينىگە قايتۇرۋەتمىسىلە! بىراق بىچارە سەئد ئىبنى ئەبى خەۋلە، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ مەككىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىچ ئاغرىتقان