مەن سىلەرگە دەججال توغرۇلۇق ھېچ بىر پەيغەمبەر قەۋمىگە سۆزلەپ بەرمىگەن بىر گەپنى سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ ھەقىقەتەن دەججال يەكچەشمە، ئۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە جەننەت بىلەن…

مەن سىلەرگە دەججال توغرۇلۇق ھېچ بىر پەيغەمبەر قەۋمىگە سۆزلەپ بەرمىگەن بىر گەپنى سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ ھەقىقەتەن دەججال يەكچەشمە، ئۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ كۆرىنىشىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەننەت دېگىنى دوزاختۇر

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرگە دەججال توغرۇلۇق ھېچ بىر پەيغەمبەر قەۋمىگە سۆزلەپ بەرمىگەن بىر گەپنى سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ ھەقىقەتەن دەججال يەكچەشمە، ئۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ كۆرىنىشىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەننەت دېگىنى دوزاختۇر»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ھەر بىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىنى يەكچەشمە دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان، ئۇ پەقەت ئاخىر زاماندا كىلىدۇ، ئەمما پەيغەمبىرىمىز دەججال توغرىسىدا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەر سۆزلەپ بەرمىگەن ئىشلارنى ۋە دەججالنىڭ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئىشلارنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەنلىكتىن، كىشىلەر دەججال ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئاسىيلىق قىلغان كىشىنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، دەپ ئويلاپ قالىدىغانلىقىنى، ھەقىقەتنىڭ ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىغانلىقىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەردى

التصنيفات

ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش, ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش, قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى, قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى, پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مېھرىبانلىقى, پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مېھرىبانلىقى