إعدادات العرض
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا، ئىككى قولىنى يۇيىتتى، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇناتتى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا، ئىككى قولىنى يۇيىتتى، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇناتتى
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا، ئىككى قولىنى يۇيىتتى، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇناتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بارماقلىرى بىلەن چاچلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلايتتى، چېچىنىڭ ئاستىغا سۇ تىگىپ تېرە سۇغا قاندى دەپ ئويلىغاندا بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇياتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن قالغان بەدىنىنى يۇيىتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قاچىدىن سۇ ئىلىپ يۇيىناتتۇق، بىرلىكتە سۇنى ئۇۋۇچلاپ ئالاتتۇق.
الترجمة
العربية Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी Português Kurdî Kiswahili සිංහල Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Tiếng Việt Hausa ไทย پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or नेपाली Malagasy Kinyarwanda తెలుగు Lietuvių Oromoo Română മലയാളം Nederlands Soomaali Српски Українська Deutsch ಕನ್ನಡ Wolof Moore Shqip ქართული Azərbaycan Magyar বাংলাالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنماقچى بولغاندا ئالدى بىلەن ئىككى قولىنى يۇياتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە سۇ قۇياتتى، ئاندىن كېيىن چېچىنى قولىنىڭ بارمىقى بىلەن ئارىلاپ چاچنىڭ تېگىگە سۇ ئۆتتى، باشنىڭ تېرىسى سۇغا قاندى دەپ ئويلىغاندا، بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇيۇپ يۇياتتى، ئاندىن كېيىن بەدىنىنىڭ قالغان جايلىرىنى يۇياتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قاچىدىن سۇ ئىلىپ يۇيىناتتۇق، بىرلىكتە سۇنى ئۇۋۇچلاپ ئالاتتۇق.فوائد الحديث
يۇيۇنۇش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: كۇپايە قىلغۇچى ۋە كامىل، ئەمما كۇپايە قىلغۇچى يۇيۇنۇش بولسا: ئىنسان پاكىز بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېغىزىنى چايقاپ، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ پۈتۈن بەدىنىنى يۇيىدۇ، ئەمما كامىل يۇيۇنۇش بولسا: مۇشۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۇيۇنغاندەك يۇيىنىدۇ.
جۇنابەت دېگەن سۆز : مەنىي چىققان كىشىگىمۇ ۋە ياكى جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان ئەمما مەنىي چىقمىغان كىشىگىمۇ ئىشلىتىلىنىدۇ.
ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بېرنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى ۋە بىر قاچىغا سۇ قۇيۇپ يۇيىنىشى دۇرۇس بولىدۇ.
التصنيفات
غۇسلى قىلىش