قايسى ئىش ئاللاھ تائالاغا بەك ياخشى كۆرەلگۈچى؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى؟ دېسەم، :« ئاتا-ئانىغا…

قايسى ئىش ئاللاھ تائالاغا بەك ياخشى كۆرەلگۈچى؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى؟ دېسەم، :« ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى دېسەم، :«ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن:قايسى ئىش ئاللاھ تائالاغا بەك ياخشى كۆرەلگۈچى؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى؟ دېسەم، :« ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى دېسەم، :«ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش» دېدى، ماڭا ئۇلارنى سۆزلەپ بەردى، ئەگەر يەنە سورىغان بولسام ماڭا يەنە دەپ بېرەتتى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: قايسى ئىش ئاللاھ تائالاغا بەك ياخشى كۆرەلگۈچى؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئوقۇلغان پەرز ناماز» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە ئۇلارنى قاقشاتماسلىق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئالى قىلىش، ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى مۇداپىئە قىلىپ، ئىسلامنىڭ شۇئارلىرىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن جېنىنى ۋە مېلىنى سەرپ قىلىپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا مۇشۇ ئىشلاردىن خەۋەر بەردى، ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ دەپ سوراۋەرگەن بولسام، ماڭا تېخىمۇ كۆپ جاۋاپ بېرەتتى.

فوائد الحديث

ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرۈلىشى ھېسابى بويىنچە ئەمەللەرنىڭ ئارىسى پەرقلىق بولىدۇ.

مۇسۇلماننى ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوئال سورىغان كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئەھۋالى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئەمەللەرنىڭ ئەۋزىلى توغرىسىدا ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابى پەرقلىق بولغان، بۇ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە پايدىلىق بولىدۇ.

التصنيفات

ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى, نامازنىڭ پەزىلىتى