ئۈستۈن قول تۆۋەنكى قولدىن ياخشى، ئۈستۈن قول دېگىنىمىز بەرگۈچى قول، تۆۋەنكى قول دېگىنىمىز تىلىگۈچى قولدۇر

ئۈستۈن قول تۆۋەنكى قولدىن ياخشى، ئۈستۈن قول دېگىنىمىز بەرگۈچى قول، تۆۋەنكى قول دېگىنىمىز تىلىگۈچى قولدۇر

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللم مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ سەدىقە، تىلەمچىلىكتىن ساقلىنىشنى تىلغا ئالدى ۋە: ئۈستۈن قول تۆۋەنكى قولدىن ياخشى، ئۈستۈن قول دېگىنىمىز بەرگۈچى قول، تۆۋەنكى قول دېگىنىمىز تىلىگۈچى قولدۇر، دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەدىقە قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ، تىلەمچىلىك قىلىشنى سۆكتى. ياخشىلىق يوللىرىدا پۇل-مال چىقىم قىلىپ تۇرىدىغان، خەيرى-ئىھسان قىلىدىغان كىشى باشقىلاردىن (يەنى خەيرى-ئىھسان سورايدىغانلاردىن) ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى

التصنيفات

نەپلە سەدىقە, خىراجەت قىلىپ بېرىش