إعدادات العرض
?ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا دۇئادىنمۇ ئېسىل بىر نەرسە يوق
?ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا دۇئادىنمۇ ئېسىل بىر نەرسە يوق
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا دۇئادىنمۇ ئېسىل بىر نەرسە يوق».
الترجمة
عربي বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili မြန်မာ ไทย Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska cs ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands සිංහල தமிழ் دری ff hu kn Кыргызча Lietuvių or ro rw so sr uz mos नेपालीالشرح
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئىبادەتلەرنىڭ ئېچىدە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دۇئادىنمۇ ئەۋزەلراق بىر ئىبادەتنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. چۈنكى دۇئادا ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىدىن بىھاجەت ۋە ئالى ئىكەنلىكى، بەندىنىڭ ئاجىز، ھەر ۋاقىت ئاللاھقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىدۇ.فوائد الحديث
دۇئانىڭ پەزىلىتى: ئاللاھقا دۇئا قىلغان كىشى ئاللاھنى ئۇلۇغلايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىدىن بىھاجەت ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىدۇ. ھاجەتمەندىن بىر نەرسە سورالمايدۇ، ئاللاھ ئاڭلىغۇچىدۇر، پاڭدىن -گاستىن بىر نەرسە سورالمايدۇ. ئاللاھ سېخىدۇر، بىخىلدىن بىر نەرسە سورالمايدۇ. ئاللاھ بەك مېھرىباندۇر، رەھىمسىز كىشىدىن بىر نەرسە سورالمايدۇ، ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر، ئاجىز بولغاندىن بىر نەرسە سورالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن يېقىندۇر، يىراقتىكى كىشى ئاڭلىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۈيۇك ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇق ۋە گۈزەللىكىگە دالالەت قىلىدىغان سۈپەتلىرى مەۋجۇتتۇر.