إعدادات العرض
ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېردى، ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ۋاپات بولغان كىشى دوزاخقا كېردى»دېدى
ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېردى، ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ۋاپات بولغان كىشى دوزاخقا كېردى»دېدى
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىشىلەرنىڭ جەننەتكە ياكى دوزاخقا كېرىشىنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت قايسى؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېردى، ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ۋاپات بولغان كىشى دوزاخقا كېردى»دېدى.
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Kurdî Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy or Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore Oromoo Wolof Soomaali Tagalog Français Azərbaycan Українська Português bm Deutsch தமிழ் ქართული Македонски Magyar فارسی Lingala Русский 中文الشرح
بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: جەننەتكە كېرىشنى ۋە دوزاخقا كېرىشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەتتىن سورىدى؟. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: جەننەتنى ۋاجىپ قىلىدىغان خىسلەت؛ ئىنسان يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولۇش دەپ جاۋاپ بەردى. دوزاخنى ۋاجىپ قىلىدىغان خىسلەت بولسا: ئىنسان ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھقا ئىلاھلىقتا، رەبلىكتە ياكى ئىسىم-سۈپەتتە بىر نەرسىنى باراۋەر قىلىپ ئۆلۈپ كېتىشتۇر.فوائد الحديث
تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى: ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي مۇئمىن ھالەتتە ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ.
شېرىكنىڭ خەتىرى: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلگەن كىشى دوزاخقا كېرىدۇ.
تەۋھىد ئەھلىنىڭ ئاسىيلىرى ئاللاھنىڭ خالىشى ئاستىدا بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى خالىسا ئازاپلايدۇ، خالىسا مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ بارىدىغان ئورنى جەننەت بولىدۇ.