ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەتتە كۈندە بىر قېتىم يۇيىنىشى، بېشىنى ۋە بەدىنىنى يۇيىشى ۋاجىپ بولىدۇ

ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەتتە كۈندە بىر قېتىم يۇيىنىشى، بېشىنى ۋە بەدىنىنى يۇيىشى ۋاجىپ بولىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەتتە كۈندە بىر قېتىم يۇيىنىشى، بېشىنى ۋە بەدىنىنى يۇيىشى ۋاجىپ بولىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ: بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەتتە كۈندە يەنى ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيىنىشى زۆرۈردۇر. شۇنداقلا پاكىزلىق ۋە گۈزەللىكنى تەلەپ قىلىپ پۈتۈن بەدىنىنى يۇيىشى كېرەك. ھەپتىنىڭ كۈنلىرى ئېچىدە جۈمە كۈنىدە يۇيۇنسا ياخشى بولىدۇ. بەزى رىۋايەتلەرگە كۆرە، جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. پەيشەنبە كۈنىدە يۇيۇنسىمۇ بولىدۇ. بەزى رىۋايەتلەر يۇيۇنۇشنىڭ ۋاجىپ بولماستىن ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۇلار جۈمە نامىزىغا ماڭغاندا شۇ ھالىتى بويۇنچە باراتتى، ئۇلارغا: ئەگەر يۇيۇنۇپ كەلگەن بولساڭلار دېيىلەتتى». [بۇخارى رىۋايىتى]. بۇخارىنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: «ئۇلاردىن تەر پۇراقلىرى كېلەتتى» دەپ كەلگەن، شۇنداق بولغاچقا ئۇلارغا: ئەگەر يۇيۇنۇپ كەلگەن بولساڭلار دېيىلەتتى». ئۇلاردىن باشقىلارنىڭمۇ يۇيۇنۇپ كېلىشى ئەلۋەتتە ياخشى بولىدۇ.

فوائد الحديث

ئىسلام پاكىزلىق ۋە تاھارەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

جۈمە كۈنى جۈمە نامىزى ئۈچۈن يۇيۇنۇپ چېقىش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

ھەدىستە بەدەننى يۇيۇش دېگەن سۆز باشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، باش ئالاھىدە زىكىر قىلىندى، بۇ باشقا ۋە چاچقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىندۇر.

كىشىلەرگە ئەزىيەت يېتىدىغان ھەر قانداق پۇراق سەۋەبلىك، ئۇ كىشىنىڭ يۇيىنىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

جۈمە كۈنى بەك ئۇلۇغ كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كۈندە يۇيۇنۇش ئالاھىدە تەكىتلەندى.

التصنيفات

غۇسلى قىلىش