جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا يېنىڭدىكى ھەمراھىڭغا: جىم تۇرغىن دېسەڭ، جۈمەنىڭ پەزىلىتىنى بىكار قىلغان بولىسەن

جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا يېنىڭدىكى ھەمراھىڭغا: جىم تۇرغىن دېسەڭ، جۈمەنىڭ پەزىلىتىنى بىكار قىلغان بولىسەن

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا يېنىڭدىكى ھەمراھىڭغا: جىم تۇرغىن دېسەڭ، جۈمەنىڭ پەزىلىتىنى بىكار قىلغان بولىسەن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە خۇتبىسىگە ھازىر بولغان كىشى ئۈچۈن ۋاجىپ بولغان ئەدەپلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ: كۆڭۇل قويۇپ ئولتۇرۇپ خۇتبە تىڭشاش، ۋەز نەسىھەتلەرنى تەپەككۇر قىلىش، ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا باشقىلارغا: جىم تۇرۇڭ، خۇتبە تىڭشاڭ دېگەندەك سۆزنىمۇ قىلماسلىق كېرەك، ئۇنداق قىلغاندا جۇمە نامىزىنىڭ پەزىلىتىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.

فوائد الحديث

خۇتبە تىڭشاۋاتقاندا سۆز قىلىشنىڭ؛ گەرچە يامانلىقتىن چەكلەش، سالامغا جاۋاپ بېرىش ۋە چۋشكۈرگەن كىشىگە جاۋاپ بېرىش قاتارلىق ئىشلار بولغان تەقدىردىمۇ چەكلەندى.

بۇ چەكلىمىدىن ئىمامغا سۆز قىلغان ياكى ئىمام ئۇنىڭغا سۆز قىلغان كىشى ئىستىسنادۇر.

ئېھتىياجلىق بولغاندا ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىسىدا سۆز قىلسا بولىدۇ.

ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا سىز ئېچىڭىزدە دۇرۇت-سالام يوللىسىڭىز شۇنىڭدەك دۇئا قىلسا ئامىن دېسىڭىز بولىدۇ.

التصنيفات

جۈمە نامىزى