ئىسلامى پىترەت(تۇغما تەبىئەت) بەش تۇرلۈكتۇر: خەتنە قىلدۇرۇش، ئەزالارنى تازىلاش (سۈننەت قىلىش)، بۇرۇتنى قىسقارتىش، تىرناقنى ئېلىش ۋە قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش

ئىسلامى پىترەت(تۇغما تەبىئەت) بەش تۇرلۈكتۇر: خەتنە قىلدۇرۇش، ئەزالارنى تازىلاش (سۈننەت قىلىش)، بۇرۇتنى قىسقارتىش، تىرناقنى ئېلىش ۋە قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: ئىسلامى پىترەت(تۇغما تەبىئەت) بەش تۇرلۈكتۇر: خەتنە قىلدۇرۇش، ئەزالارنى تازىلاش (سۈننەت قىلىش)، بۇرۇتنى قىسقارتىش، تىرناقنى ئېلىش ۋە قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننەتلىرى ۋە ئىسلامدىن بولغان بەش تۈرلۈك ئىشنى بايان قىلىپ بەردى: ئۇنىڭ بىرىنچىسى: خەتنە قىلدۇرۇش، ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئەۋرىتىدىن بوغمىقىنىڭ ئۈستىدىكى ئارتۇق تېرىنى كېسىۋېتىشتىن ئىبارەت، ئايالنىڭ ئەۋرىتىدىن بولسا جىنسى ئالاقە قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئۈستىدىكى تېرىنىڭ ئۈچىدىن كېسىۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىككىنچىسى: سۈننەت قىلىش بولسا ئەۋرەتنىڭ ئەتراپىدىكى تۈكلەرنى تازىلاش. ئۈچىنچىسى: بۇرۇتنى قىسقارتىش، ئەر كىشى ئۈستۈن كالپۇكىنىڭ ئۈستىگە ئۈنگەن تۈكلەرنى ئۈستۈن كالپۇكى كۆرۈنگىدەك ھالەتتە قىسقارتىش. تۆتىنچىسى: تېرناقلىرىنى كېسىش. بەشىنچىسى: قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش.

فوائد الحديث

بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى بولۇپ، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلاردىندۇر، ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا بۇيرۇپ، مۇكەممەللىك، پاكىزلىق ۋە گۈزەللىككە دەۋەت قىلىدۇ.

بۇ ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇش، ئۇنىڭدىن غاپىل قالماسلىق كېرەك بولىدۇ.

بۇ ئىشلارنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق تەرەپتىن پايدىسى بار، ئۇ پايدىلاردىن: شەكلىنى چېرايلىق قىلىش، بەدىنىنى پاكىزە قىلىش، پاكىزلىقتا ئېھتىياتچان بولۇش، كاپىرلارغا ئوخشىماسلىق ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش.

باشقا ھەدىسلەردە بۇ خىسلەتلەرگە زىيادە قىلىنىپ يەنە بەزى ئىشلار سۆزلەندى: مىسۋاك قىلىش، ساقال قويۇش قاتارلىقلار.

التصنيفات

تەبىئى ھالەتتىكى سۈننەتلەر