إعدادات العرض
ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جەننەتكە كىرگۈزىدۇ
ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جەننەتكە كىرگۈزىدۇ
ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھنىڭ مەريەمگە تاشلىغان كەلىمىسىدىن بولغان، روھ ئاللاھدىن، جەننەت ھەق، دوزاخ ھەق دەپ گۇۋاھلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جەننەتكە كىرگۈزىدۇ».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tagalog Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் မြန်မာ Русский Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá සිංහල ไทย دری Кыргызча or Kinyarwanda नेपाली Română Malagasy Lietuvių Oromoo Nederlands Soomaali Српски Українська ಕನ್ನಡ Wolof Moore ქართული O‘zbek Azərbaycan Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: كىمىكى تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى بىلىپ ئېيتسا ۋە تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلسا جەننەتكە مۇشەررەپ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بىرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىقان، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئېكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغان كىشى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننى دەسلەپتە: «بول» دېگەن، ئىنسان شۇ سۆز بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن، ئۇنىڭ روھى بولسا ئاللاھ تائالا ياراتقان روھلاردىن بىر روھتۇر. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى(مەريەم) يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا چاپلىغان بۆھتانلاردىن پاكتۇر. جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشەندى، ئۇ ئىككىسىنى ھازىرمۇ مەۋجۇت دەپ ئېتىقاد قىلدى، بۇ ئىككىسى ئاللاھنىڭ نېمىتى ياكى ئازابىدۇر. ئۇ كىشى شۇ ھالەتتە ۋاپات بولسا گەرچە تائەت-ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىشتا كەمچىللىك سادىر بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاخىرەتتە بارىدىغان ئورنى جەننەت بولىدۇ.فوائد الحديث
ئاللاھ تائالا مەريەم ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى دادىسىز «بول» دېگەن سۆز بىلەن ياراتتى.
ئىسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا بەندىچىلىك بىلەن ئەلچىلىكىنىڭ ئارىسىنى جۇغلىدى، بۇ ئىككەيلەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئاللاھنىڭ بەندىسى ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنمايدۇ.
تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ گۇناھلارغا كاپارەت بولىدىغانلىقى، تەۋھىد ئەھلىنىڭ گەرچە ئۇنىڭدىن بەزى گۇناھ-خاتالىقلار سادىر بولسىمۇ ئاخىرىقى بارىدىغان ئورنىنىڭ جەننەت بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.