?كېسەلدىن يۇقۇملۇنۇش، ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش يوقتۇر، ماڭا خۇش پال يارايدۇ، دېدى. ساھابىلەر: خۇش پال دېگەن نېمە؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: چىرايلىق سۆز، دېگەن

?كېسەلدىن يۇقۇملۇنۇش، ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش يوقتۇر، ماڭا خۇش پال يارايدۇ، دېدى. ساھابىلەر: خۇش پال دېگەن نېمە؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: چىرايلىق سۆز، دېگەن

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېسەلدىن يۇقۇملۇنۇش، ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش يوقتۇر، ماڭا خۇش پال يارايدۇ، دېدى. ساھابىلەر: خۇش پال دېگەن نېمە؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: چىرايلىق سۆز، دېگەن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېسەلنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرىسىز يۇقىدىغانلىقى ۋە بىر-بىرىگە يۆتكىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بولغان جاھىلىيەت ئېتىقادىنىڭ توغرا ئەمەس، باتىل ئىكەنكىلىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش توغرا بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ كۆزى كۆرگەن ياكى قۇلىقى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر ئۇچارلىق ياكى ھايۋان ياكى مېيىپلەر ياكى ساناق سانلار ياكى كۈنلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەردىن شۇم پال ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەدىستە «تەير» ئۇچارلىقتىن دېگەن سۆز ئېشلىتىلدى، چۈنكى ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەپلەرنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر بولغان. ئىشنىڭ ئەسلى: ئۇلار سەپەرگە چىقماقچى ياكى تىجارەت قىلماقچى ھەتتا توي قىلماقچى بولسىمۇ بىر قۇشنى قويىۋېتەتتى، ئەگەر قۇش ئوڭ تەرەپتىن ئۇچسا ئۇلار بۇنىڭدىن ياخشىلىق دەپ پال ئېلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىنى داۋاملاشتۇراتتى، ئەگەر قۇش سول تەرەپتىن ئۇچسا ئۇلار بۇنىڭدىن شۇم پال ئېلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىدىن قول ئۈزەتتى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ياخشى پالدىن خۇرسەن بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى، ئۇ بولسىمۇ: ئىنسانغا ئۇنى سۆيۈندۈرىدىغان ۋە خۇرسەن قىلىدىغان ياخشى سۆزلەرنى قىلىش بولۇپ، بۇ سۆز ئىنساننى رەببى ھەققىدە ياخشى گۇماندا بولىدىغان قىلىدۇ.

فوائد الحديث

ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش كېرەك، ھەر قانداق ياخشىلىق ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ ۋە ھەر قانداق يامانلىقنى پەقەت ئاللاھ دەپئى قىلىدۇ.

قۇشلارنىڭ ئاۋازى ۋە ئۆزىدىن شۇم پال ئېلىشتىن ۋە ئۇنىڭغا كۆرە قىلىدىغان ئىشتىن قول ئۈزۈش چەكلىنىدۇ،

خۇش پائال دېگەن چەكلەنگەن شۇم پال ئىلىشنىڭ جۈملىىسىدىن ئەمەس بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالاغا ياخشى قاراشتا بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ھەممە ئىش يەككە-يىگانە، ھېچ شېرىكى يوق بىر ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ھاسىل بولىدۇ.

التصنيفات

ئاللاھنى ئىلاھلىقتا بىر دەپ ئىشىنىش