?رەببىڭلار بولغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىڭلار، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتۇڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىڭلار، رەھبەرلەرگە…

?رەببىڭلار بولغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىڭلار، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتۇڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىڭلار، رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، رەببىڭلارنىڭ جەننىتىگە كېرىسىلەر

ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، مەن ۋىدالىشىش ھەججىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «رەببىڭلار بولغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىڭلار، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتۇڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىڭلار، رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، رەببىڭلارنىڭ جەننىتىگە كېرىسىلەر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجىريەنىڭ ئونىنچى يىلى ۋېدالىشىش ھەججىدە ئەرەپات كۈنىدە خۇتبە سۆزلىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەجدە كىشىلەر بىلەن ۋېدالاشقانلىقى ئۈچۈن ۋىدالىشىش ھەججى دەپ ئاتالغان. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇپ تەقۋادار بولۇشقا بۇيرىغان. بىر كېچە-كۈندۈزدە ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇش. رامىزان روزىسىنى تۇتۇش. ماللىرىنىڭ زاكىتىنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىش، ئۇنىڭدا بېخىللىق قىلماسلىق. ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىنغان كىشىلەرگە ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى قىلغان كىشىلەرنىڭ ئېرىشىدىغان مۇكاپاتى جەننەتكە كېرىش بولىدۇ.

فوائد الحديث

بۇ ئەمەللەر جەننەتكە كېرىشنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر.

التصنيفات

ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى