إعدادات العرض
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ خاتالىق ۋە ئۇنتۇپ قالغانلىق ياكى مەجبۇرلانغانلىق سەۋەبتىن يۈزبەرگەن گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ خاتالىق ۋە ئۇنتۇپ قالغانلىق ياكى مەجبۇرلانغانلىق سەۋەبتىن يۈزبەرگەن گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ خاتالىق ۋە ئۇنتۇپ قالغانلىق ياكى مەجبۇرلانغانلىق سەۋەبلىرىدىن يۈزبەرگەن گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى»
[ھەدىس ھەممە ئىسنادلىرى ۋە بۇنى ئىسپاتلايدىغان شاھىتلىرى بىلەن سەھىھ] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Kiswahili Português සිංහලالشرح
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئۈممەتكە قىلغان ياخشىلىقىنىڭ جۈملىسىدىن: ئۇلارنىڭ قەستەن قىلماستىن، خاتالىق بىلەن سادىر بولغان گۇناھ-مەسىيەتلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى، ئۇنتۇلۇپ قىلىپ پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلالمىغان ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلغان بولسا، بۇنىمۇ ئەپۇ قىلىۋەتتى لېكىن قىلالمىغان پەرز ئەمەللىرىنى ئىسىگە كەلگەندە دەرھال ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ۋە جىنايەتلەردىن مەجبۇرى قىلىنغانلىرى بولسا بۇنىمۇ ئەپۇ قىلىۋەتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ»تەرجىمىسى:«سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى).»ھەج سۈرىسى 78-ئايەتالتصنيفات
ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش