رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەلبىيەدە مۇنداق دەيتى: مەن ھازىرمەن ئى ئاللاھ مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، بارلىق ھەمدۇ-سانا، نېمەت…

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەلبىيەدە مۇنداق دەيتى: مەن ھازىرمەن ئى ئاللاھ مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، بارلىق ھەمدۇ-سانا، نېمەت ۋە پادىشاھلىق پەقەت ساڭىلا خاستۇر، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوقتۇر

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەج ۋە ئۆمرىدىكى تەلبىيەسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن ھازىرمەن ئى ئاللاھ مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، بارلىق ھەمدۇ-سانا، نېمەت ۋە پادىشاھلىق پەقەت ساڭىلا خاستۇر، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوقتۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر يۇقىرىدىكى تەلبىيەگە تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەرنى قېتىپ دېيتتى: مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئەمرىڭگە تەييارمەن، ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر ئۈمىد ۋە ئەمەل-ئىبادەتلەر پەقەت سەن ئۈچۈندۇر. ئىخلاس ۋە ساۋاب جەھتىدىن ئەمەل ئىبادەتلەرنىڭ قارارگاھى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدۇر

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەج ۋە ئۆمرىدىكى تەلبىيەسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن ھازىرمەن ئى ئاللاھ مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق.بۇ تەلبىيە ئاللاھ تائالانىڭ ھەجگە چاقىرغان چاقىرقىغا ئاۋاز قوشقانلىقنىڭ بەلگىسى ۋە قايتا-قايتا ئاۋاز قوشۇش ۋە ئىخلاس قىلىش ۋە يۈزلىنىش، ئۇنىڭغىلا ھەمدۇ سانا ئوقۇش، جىمى نېمەت ئۇنىڭدىنلا دەپ ئىتراپ قىلىش، ئۇ ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقلارنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر.ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر يۇقىرىدىكى تەلبىيەگە تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەرنى قېتىپ دېيتتى: مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئەمرىڭگە تەييارمەن، ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر ئۈمىد ۋە ئەمەل-ئىبادەتلەر پەقەت سەن ئۈچۈندۇر. ئىخلاس ۋە ساۋاب جەھتىدىن ئەمەل ئىبادەتلەرنىڭ قارارگاھى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدۇر

التصنيفات

ئېھرامغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر