پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئەي ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئەي ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئەي ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام لەپزى قىسقا، كۆپ مەنالارنى ئۆز ئېچىگە ئالغان دۇئالارنى كۆپ قىلاتتى. ئۇ دۇئالاردىن: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» بۇ دۇئا دۇنيانىڭ ياخشىلىقلىرىدىن بولغان: ھالال كەڭرى رىزىق، سالىھە ئايال، كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغان، راھەتلىنىدىغان پەرزەنت، مەنپەئەتلىك ئىلىم، ياخشى ئەمەل قاتارلىق دۇرۇس بولغان ۋە ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن: قەبىردىكى، قىيامەت مەيدانىدىكى ۋە دوزاختىكى ئازاپلاردىن سالامەت قىلىش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش، دائىملىق نېمەتلەر بىلەن ئۇتۇق قازىنىش، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان مېھرىبان ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش قاتارلىقلاردۇر.

فوائد الحديث

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىك يۈزىسىدىن كۆپ مەنالارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان دۇئالارنى قىلىش ياخشى بولىدۇ.

ئىنسان قىلغان دۇئاسىدا دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنىڭ ئارىسىنى جۇغلىسا ئەڭ مۇكەممەل بولىدۇ.

التصنيفات

ھەدىستە بايان قىلىنغان دۇئالار