رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت قاراڭغۇلىقىدۇر، بىخىللىقتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى بىخىللىق…

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت قاراڭغۇلىقىدۇر، بىخىللىقتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى بىخىللىق سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى

جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت قاراڭغۇلىقىدۇر، بىخىللىقتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى بىخىللىق سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغان. شۇنداقلا بىخىللىق ئۇلارنى قانلىرىنى توكۈشكە، ئار-نومۇسىنى دەپسەندە قىلىشقا ئېلىپ باردى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇممىتىنى زۇلۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، زۇلۇم: كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش، ئۆزىگە زۇلۇم قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ھەققىگە زۇلۇم قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. زۇلۇم دېگەن: ھەر بىر ھەق ئىگىسىگە ئۆز ھەققىنى بېرىشنى رەت قىلىشتۇر، زۇلۇم دېگەن قىيانەت كۈنىدە زۇلۇم قىلغۇچىغا قاتتىقچىلىق ۋە دەھشەت ئېلىپ كېلىدىغان قاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەتتۇر. مالغا بەك ھېرىسمەن بولۇپ بېخىللىق قىلىشتىن چەكلىدى، بۇنىڭدىن دۇنيادىكى مالىيە ھەق-ھوقۇقنى تولۇق ئادا قىلماي، دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ تۈردىكى زۇلۇملار بىزدىن ئىلگىىرىكى مىللەتلەرنى ھالاك قىلغان بولۇپ، ئۇلار زۇلۇم سەۋەپلىك بىر-بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى ھالال دەپ قارايدىغان دەرىجىگە يۈزلەنگەن.

فوائد الحديث

مال سەرپ قىلىش ۋە قېرىنداشلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش بولسا ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغان ۋە مېھرى-مۇھەببەتنى كۈچەيتىدىغان سەۋەپلەردىندۇر.

بېخىللىق ۋە ئاچ كۆزلۈك گۇناھ-مەسىيەت ۋە پاھىشە ئىشلارغا ئېلىپ بارىدۇ.

ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ ئىشلىرىدىن ئىبرەت ئېلىش.

التصنيفات

پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق, ناچار ئەخلاقلار