إعدادات العرض
مۇئمىن ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ، كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ
مۇئمىن ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ، كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مۇئمىن ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ، كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ».
الترجمة
ar bn bs en es fa fr id ru tl tr ur zh hi vi si ku ha pt ml te my th de ja ps as sq sv cs gu yo nl sw ta prs ff hu kn ky lt mg ro rw ne sr so mos uk bg wo az ka tg bm mk am om kmالشرح
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام گۈزەل ئەخلاق ساھىبىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن دائىم كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ، كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ دەرىجىسىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۇغلانمىسى دېگەن: ياخشىلىق قىلىش، چېرايلىق سۆز قىلىش، ئوچۇق چېراي بولۇش، كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزمەسلىك ۋە كىشىلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەبرى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.فوائد الحديث
ئىسلامنىڭ ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھنىيەت بەرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
گۈزەل ئەخلاقنىڭ پەزىلىتىدىن بەندە ئۇنىڭ بىلەن چارچاپ قالماي روزا تۇتىدىغان ۋە ھېرىپ قالماي كېچىدە قىيامدا تۇرىدىغان كىشىنىڭ دەرىجىسىگە يېتىدۇ.
كۈندۈزدە روزا تۇتۇش ۋە كېچىدە قىيامدا تۇرۇش بولسا ئىنسانغا ئېغىر كېلىدىغان بۈيۈك ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، گۈزەل ئەخلاق ساھىبى ئۆزىنىڭ مۇشۇ گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقى بىلەن يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك ئەمەل قىلغاننىڭ دەرىجىسىگە يېتىدۇ.
التصنيفات
گۈزەل ئەخلاقلار