ئى مۇنزىرنىڭ ئاتىسى! ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سەن بىلەن بولغان ئەڭ كاتتا ئايەتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟دېدى، مەن: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛…

ئى مۇنزىرنىڭ ئاتىسى! ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سەن بىلەن بولغان ئەڭ كاتتا ئايەتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟دېدى، مەن: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھنىڭ ھاياتلىقى ئەبەدىيدۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر»دېدىم. [سۈرە بەقەرە 255-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ :«ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئى ئابا مۇنزىر! ئىلىم ساڭا ئاسان بوپتۇ» دېدى

ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى مۇنزىرنىڭ ئاتىسى! ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سەن بىلەن بولغان ئەڭ كاتتا ئايەتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟، مەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇنزىرنىڭ ئاتىسى! ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سەن بىلەن بولغان ئەڭ كاتتا ئايەتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟دېدى، مەن: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھنىڭ ھاياتلىقى ئەبەدىيدۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر»دېدىم. [سۈرە بەقەرە 255-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ :«ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئى ئابا مۇنزىر! ئىلىم ساڭا ئاسان بوپتۇ» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئەڭ كاتتا ئايەت قايسى؟دەپ سورىدى، ئۇ كىشى جاۋاپ بېرىشتە ئىككىلىنىپ، ئاندىن ئۇ ئايەتەل كۇرسى دېدى، «الله لا إله إلا هو الحي القيوم»، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى قوللاپ، ئۇنىڭ كۆكسىگە ئۇرۇپ: ئۇنىڭدا ئىلىم-ھېكمەتنىڭ تولغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى، ئۇنىڭغا بۇ ئىلىم بىلەن بەختلىك ۋە ئۇنىڭغا ئىلىمنىڭ ئاسان بولىشىغا دۇئا قىلدى.

فوائد الحديث

بۇ ھەدىستە: ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتىنىڭ كاتتىلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئايەتەل كۇرسى ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئەڭ كاتتا ئايەت بولۇپ، ئۇنى ياد قىلىش، مەنىلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

التصنيفات

سۈرە ۋە ئايەتلەرنىڭ پەزىلىتى, ئىلىمنىڭ پەزىلىتى