?مۇسۇلمان بىلەن شېرىك ۋە كاپىر ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر

?مۇسۇلمان بىلەن شېرىك ۋە كاپىر ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «مۇسۇلمان بىلەن شېرىك ۋە كاپىر ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەرز نامازنى تەرك قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، مۇسۇلمان بىلەن شېرىك ۋە كۇپرىغا چۈشۈپ قىلىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىش ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ناماز بولسا ئىسلام ئاساسلىرىدىن ئىككىنچى ئاساستۇر. ئىسلامدا نامازنىڭ مەقامى كاتتىدۇر. نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ئوقۇمىغان كىشى بارلىق مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ بىرلىكى بىلەن كاپىر بولىدۇ. شۇنىڭدەك ھورۇنلۇق قىلىپ، سەل قاراپ نامازلارنىڭ ھەممىسىنى تەرك قىلغان كىشىمۇ كاپىر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ساھابىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى نەقىل قىلىنغان. شۇنىڭدەك نامازنى بەزى ۋاقىتلاردا ئادا قىلىپ يەنە بەزى ۋاقىتلاردا ئادا قىلمىغان كىشىمۇ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدۇ.

فوائد الحديث

نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ناماز بولسا كۇپىر بىلەن ئىمان ئارىسىنى ئايرىغىچىدۇر.

نامازنى تەرك قىلىش ياكى ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشتىن قاتتىق ئاگاھ بولۇش.

التصنيفات

ئىسلامنى بۇزىدىغان ئامىللار, كۇپۇرلۇق, نامازنىڭ پەرىزى ۋە ئۇنى تەرك قىلىشنىڭ ھۆكمى