إعدادات العرض
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئېدى» دېدى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئېدى» دېدى
سەئىد بىن ھىشام بىن ئامىر ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يىنىغا كىرگەندە مۇنداق دېدى: ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى! ماڭا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن بولسىلا؟ دېگەن ئېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: سەن قۇرئان ئوقۇمامسەن؟ دېدى، ئۇ كىشى: ئەلۋەتتە ئوقۇيمەن دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئېدى» دېدى.
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt සිංහල Kurdî Hausa Português മലയാളം မြန်မာ ไทย Deutsch 日本語 پښتو অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands తెలుగు Kiswahili தமிழ் دری Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda नेपाली Српски Soomaali Moore Українська Български Wolof Azərbaycan ქართული тоҷикӣالشرح
مۇمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا سوئال سورالغاندا، ئۇ كىشىگە ئەتراپلىق بىر سۆز بىلەن جاۋاپ بەردى، سوئال سورىغۇچىنى مۇكەممەل سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى توپلىغان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىم ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان، قۇرئان كەرىم بۇيرىغاننى تولۇق ئادا قىلاتتى، قۇرئان كەرىم چەكلىگەن نەرسىلەردىن يىراق بولاتتى، ئەخلاقى قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىش، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە توختاش، ئەدەپلىرى بىلەن ئەخلاقلىنىش، كەلتۈرگەن مىسال ۋە قىسسىلەردىن ئىبرەت ئىلىش ئېدى.فوائد الحديث
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغانلىقىغا ئەگىشىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى مەدھىيەلەش، چۈنكى ئۇ ۋەھىينىڭ نۇرلىرىدىندۇر .
قۇرئان كەرىم بارلىق ئېسىل ئەخلاقنىڭ مەنبەسىدۇر.
ئەخلاق چۈشەنجىسى ئىسلامدا بۇيرىغاننى ئادا قىلىش ۋە چەكلىگەندىن يېنىشتىن ئىبارەت دىننىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.