قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم

قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم

مۇغىيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۆتۈكىنى سالدۇرۇشقا تەمشەلسەم، رەسۇلۇللاھ:«قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم دەپ، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلدى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەرلىرىنىڭ بىرىدە تاھارەت ئالدى، ئىككى پۇتىنى يۇيىدىغان ۋاقىتتا مۇغىيرە بىن شۆبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پۇتىنى يۇيىۋالسۇن دەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پۇتىدىكى ئايىغىنى سالدۇرماقچى بولدى!. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قويغىن، ئۇنى سالدۇرمىغىن، مەن ئىككى پۇتۇمنى يۇيۇپ تاھارەت بىلەن كىيگەن دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى پۇتىنى يۇغاننىڭ ئورنىغا پۇتىدىكى ئايىغىغا مەسىھ قىلدى.

فوائد الحديث

پۇتىدىكى ئاياغقا مەسىھ قىلىش بولسا كېچىك تاھارەتسىزلىكتىن تاھارەت ئالغاندا بولىدۇ، ئەمما چوڭ تاھارەتسىزلىكتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا ئايىغىنى سېلىپ چوقۇم ئىككى پۇتىنىمۇ يۇيىشى كېرەك.

مەسىھ قىلىش دېگەن: ھۆل قولىنى ئاياغنىڭ ئۈستى تەرىپىگە سىلاشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىككى ئاياغقا مەسىھ قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئاياغنى ئىككى پۇتىنى يۇيۇپ كامىل تاھارەت ئېلىپ كىيگەن بولىشى، ئاياغنىڭ پاك بولىشى، پۇتىدىن يۇيۇش پەرز بولغان ئورۇننى ياپىدىغان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، پۇتىغا مەسىھ قىلىش كېچىك تاھارەتسىزلىكتىن تاھارەت ئالغاندا بولىدۇ، جۇنابەتتىن ياكى يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولغان ئەھۋالدا بولمايدۇ. مەسىھ قىلىشنىڭ ۋاقتى: شەرىئەتتە بېكىتىلگەن بويىنچە مۇقىم ئۈچۈن بىر كىچە-كۈندۈز، مۇساپىر ئۈچۈن ئۈچ كىچە-كۈندۈز بولىدۇ.

پايپاق، ئۆتۈك، قونجۇلۇق ئاياغ قاتارلىق ئىككى پۇتىنى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ يۆگەيدىغان ھەر قانداق نەرسە ئاياغقا قىياس قىلىنىپ ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنىڭ گۈزەللىكى ۋە مۇغىيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايىغىنى تارتىپ سالدۇرماقچى بولغاندا ئۇنىڭغا تەلىم بېرىش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ: ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش ۋە ھۆكۈمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى پۇتىنى يۇيۇپ پاك ھالەتتە كىيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

التصنيفات

سەپەر قىلىش ئەخلاقى ۋە ھۆكۈملىرى, ئۆتۈك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە مەسىھ قىلىش