تاماق ھازىر بولغاندا ۋە چوڭ-كېچىك تەرەت قىستىغاندا ناماز ئوقۇلمايدۇ

تاماق ھازىر بولغاندا ۋە چوڭ-كېچىك تەرەت قىستىغاندا ناماز ئوقۇلمايدۇ

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «تاماق ھازىر بولغاندا ۋە چوڭ-كېچىك تەرەت قىستىغاندا ناماز ئوقۇلمايدۇ».

[تېكىست توغرا] [مۇسلىم رىۋايىتى]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاماق ھازىر بولۇپ ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ كۆڭلى تاماققا مايىل بولۇپ كۆڭلى تارتىۋاتقاندا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىگەن. شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چوڭ-كېچىك تەرەت قىستىغاندا ئەزىيەتنى قىسىش بىلەن مەشغۇل بولغاندا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىدى.

فوائد الحديث

نامازخان نامازغا باشلاشتىن ئىلگىرى ئۆزىنى نامازدا مەشغۇل قىلىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

التصنيفات

ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ خاتالىقلىرى