إعدادات العرض
1- تاماق تەييار بولغاندا، چوڭ-كىچىك تەرەت قىستىغاندا ناماز ئوقۇلمايدۇ
2- ?نامازنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى ئېسىگە كەلگەن ھامان ئوقۇشى كېرەك، نامازنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا كاپارىتى يوق
3- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇغۇچىلارنى نامازدا قولىنى بىلىگە قويۇپ تۇرۇشتىن چەكلىگەن
4- ? كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى نامازىنى ئوغۇرلىغۇچىدۇر»، ئەبۇ ھۈرەيرە: نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ» دېدى
5- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى باشلىغاندا تەكبىر ئېيتىپ قىرائەتنى «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين» بىلەن باشلايتتى، رۇكۇ قىلغاندا دۇمبىسىنى بەك تۆۋەنمۇ قىلماي بەك ئىگىزمۇ قىلماي ئورتىھال تۇتاتتى