إعدادات العرض
كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى نامازىنى ئوغۇرلىغۇچىدۇر»، ئەبۇ ھۈرەيرە: نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى…
كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى نامازىنى ئوغۇرلىغۇچىدۇر»، ئەبۇ ھۈرەيرە: نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ» دېدى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى نامازىنى ئوغۇرلىغۇچىدۇر»، ئەبۇ ھۈرەيرە: نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ» دېدى.
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া دری Кыргызча Lietuvių Kinyarwanda नेपाली తెలుగు Bosanski Italiano ಕನ್ನಡ Kurdî മലയാളം Oromoo Română Soomaali Shqip Српски Українська Wolof Tagalog Moore Malagasy தமிழ் Azərbaycan فارسی ქართული 中文 Magyarالشرح
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى ئۆزىنىڭ نامىزىنى ئوغۇرلىغان كىشى ئېكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، چۈنكى باشقىلارنىڭ مېلىنى ئوغۇرلىغان كىشى ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدۇ، ئەمما نامىزىنى ئوغۇرلىغان كىشى بولسا، ئۆزىنىڭ ئېرىشىدىغان ئەجىر-ساۋاپتىن بولغان ھەققىنى ئوغۇرلىغان بولىدۇ. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىنسان ئۆزىنىڭ نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دەپ سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى مۇكەممەل تولۇق ئادا قىلمايدۇ، رۇكۇ ۋە سەجدىنى ئالدىراپ قىلىپ، مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلمايدۇ»دېدى.فوائد الحديث
نامازنى مۇكەممەل تولۇق ئوقۇشقا، ئۇنىڭ پەرز-ۋاجىپلىرىنى سالماقلىق بىلەن ۋە خۇشۇ بىلەن ئادا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى.
نامىزىنىڭ رۇكۇ-سەجدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمىغان كىشىنى ئوغرى دەپ سۈپەتلەشتىن بولغان مەقسەت: ئۇ كىشىنىڭ بۇنداق قىلىشتىن ساقلىنىشى ۋە بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.
نامازدا رۇكۇ ۋە سەجدىنى تولۇق قىلىش، ئۇ ئىككىسىدە ئوتتۇرھال بولۇشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.