كېسەل يۇقۇش، قۇشلاردىن، ھۇقۇشتىن، مەددە قۇرىتتىن شۇم پال ئېلىش يوق

كېسەل يۇقۇش، قۇشلاردىن، ھۇقۇشتىن، مەددە قۇرىتتىن شۇم پال ئېلىش يوق

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كېسەل يۇقۇش، قۇشلاردىن، ھۇقۇشتىن، مەددىدىن شۇم پال ئېلىش يوق» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى. مۇسلىم: «ئاينىڭ چىقىش ئورۇنلىرىدىن ۋە ئېزىتقۇدىن شۇم پال ئېلىش يوق» دېگەن سۆزلەرنى ئارتۇق رىۋايەت قىلدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

جاھىلىيەتتە دەلىلگە تايانمايدىغان ۋەھىمىلەر ۋە خۇراپىيلىقلار ئەۋج ئالغان بولغاچقا ئىسلام ئەگەشكۈچىلەرنى بۇنداق قۇرۇق گەپلەردىن ساقلاشنى ئىرادە قىلىپ، ھەدىستە بايان قىلىنغان بۇ ئىشلاردىكى مۇشرىكلارنىڭ ئېتىقادىنى ئېنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ قۇشلار بىلەن شۇم پال ئېلىشقا ئوخشاش بەزىلىرىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقاردى، يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ بىۋاستە تەسىرىنى ئىنكار قىلدى، چۈنكى ياخشىلىقلارنى پەقەت ئاللاھلا كەلتۈرىدۇ ۋە يامانلىقلارنىمۇ پەقەت ئاللاھلا قايتۇرىدۇ

التصنيفات

جاھىلىيەت مەسىلىلىرى, قەلىب ئەمەللىرى