إعدادات العرض
بىر كىشى ئىنسانلارغا قەرز بېرىدىغان بولۇپ، قەرز سۈيلەيدىغان ۋاقىتتا خىزمەتچىلىرىگە: قىيىنچىلىق بار كىشى بولسا ئۆتىۋەتكىن، ئاللاھ تائالامۇ چوقۇم بىزدىن…
بىر كىشى ئىنسانلارغا قەرز بېرىدىغان بولۇپ، قەرز سۈيلەيدىغان ۋاقىتتا خىزمەتچىلىرىگە: قىيىنچىلىق بار كىشى بولسا ئۆتىۋەتكىن، ئاللاھ تائالامۇ چوقۇم بىزدىن خاتالىقلىرىمىزنى ئۆتىۋېتىدۇ دېدى،
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى ئىنسانلارغا قەرز بېرىدىغان بولۇپ، قەرز سۈيلەيدىغان ۋاقىتتا خىزمەتچىلىرىگە: قىيىنچىلىق بار كىشى بولسا ئۆتىۋەتكىن، ئاللاھ تائالامۇ چوقۇم بىزدىن خاتالىقلىرىمىزنى ئۆتىۋېتىدۇ دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشقاندا ئاللاھمۇ ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئۆتىۋەتتى».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands සිංහල தமிழ் ไทย دری Български Fulfulde Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy or Română Kinyarwanda тоҷикӣ O‘zbek Akan नेपाली Moore Azərbaycan Wolof Oromoo Українська km bm rn ქართული Македонски Српски Lingalaالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر بىلەن قەرز ۋە نېسى سودا مۇئامىلىسى قىلغان كىشى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. ئۇ كىشى خىزمەتچىلىرىنى كىشىلەردىن قەرزنى يېغىپ كېلىشكە ئەۋەتكەندە، ئۇلارغا مۇنداق دەيتتى: قەرز ئادا قىلىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا بارغىنىڭدا ئۇ كىشىدە كەمبەغەللىكتىن قەرز ئادا قىلغۇدەك بىر نەرسە بولمىسا، ئۇنى ئەپۇ قىلىۋەت، ياكى مەلۇم مۇددەت مۆھلەت بەرگىن، قەرزنى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرىۋالمىغىن. ياكى ئاز بولسىمۇ بەرگەننى ئىلىپ، قالغىنىنى ئۇ كىشى ئويلىغىنىدەك ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆتىۋېتىش ياكى بەزىسىنى بولسىمۇ ئەپۇ قىلىۋېتىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولۇپ كەتسە ئاللاھ ئۇ كىشىدىن خاتالىقلىرىنى ئۆتىۋېتىدۇ.فوائد الحديث
كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى ئەپۇ قىلىش، قىيىنچىلىقىنى ئۆتىۋېتىش بەندىنى قىيامەت كۈنىدە قۇرتۇلۇشنىڭ ئەڭ كاتتا سەۋەپلىرىدىندۇر.
كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش، ئاللاھ ئۈچۈن ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىش، خاتالىقلار كەچۈرۈم قىلىنىدىغان سەۋەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىش.
التصنيفات
گۈزەل ئەخلاقلار