إعدادات العرض
ھەقىقەتەن ئادىللىق قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدە نۇردىن بولغان تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قولى ئوڭدۇر، بەرىكەتلىكتۇر
ھەقىقەتەن ئادىللىق قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدە نۇردىن بولغان تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قولى ئوڭدۇر، بەرىكەتلىكتۇر
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئادىللىق قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدە نۇردىن بولغان تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قولى ئوڭدۇر، بەرىكەتلىكتۇر، ئۇلار قىلغان ھۆكۈملىرىدە ۋە ئائىلىلىرىدە ۋە ئۆزلىرى ئىگە بولغان ئىشلاردا ئادىللىق قىلىدۇ».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी සිංහල Kurdî Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands Hausa ไทย دری Fulfulde Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių or Română Kinyarwanda Српски O‘zbek Moore नेपाली Malagasy тоҷикӣ Oromoo Wolof Soomaali Български Українська Azərbaycan ქართული bm Lingala Македонскиالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق دەپ خەۋەر بىرىدۇكى، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغان، ئائىلىسىدىمۇ ئادالەتلىك ئىش قىلغان كىشىلەر قىيامەت كۈنىدە ئىززەت-ئىكرام قىلىنىپ، نۇردىن ياسالغان ئالى تەختلەر ۋە يۈكسەك ئورۇنلاردا ئولتۇرىدۇ. بۇ تەختلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قولى ئوڭدۇر، بەرىكەتلىكتۇر.فوائد الحديث
ئادالەتنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش.
ئادالەت دېگەن ئومۇمى بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ رەھبەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىشنى، ھەتتا ئاياللىرى ۋە پەرزەنتلىرى ئارىسىدا ۋە باشقىلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
ئادىللىق قىلغۇچىلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى مەقامىنىڭ بايانى.
قىيامەت كۈنى ئىمان ئەھلىنىڭ ئورۇنلىرى قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە پەرقلىق بولىدۇ.
رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى بولسا؛ دەۋەتتە دەۋەت قىلىنغۇچىنى تائەت-ئىبادەتكە رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇلىدۇر.
التصنيفات
گۈزەل ئەخلاقلار