ياخشىلىقتىن ھېچ قانداق بىر نەرسىنى تۆۋەن كۆرمىگىن، گەرچە قېرىندىشىڭغا ئوچۇق چېراي بىلەن بىقىش بولسىمۇ

ياخشىلىقتىن ھېچ قانداق بىر نەرسىنى تۆۋەن كۆرمىگىن، گەرچە قېرىندىشىڭغا ئوچۇق چېراي بىلەن بىقىش بولسىمۇ

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن: «ياخشىلىقتىن ھېچ قانداق بىر نەرسىنى تۆۋەن كۆرمىگىن، گەرچە قېرىندىشىڭغا ئوچۇق چېراي بىلەن بىقىش بولسىمۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياخشىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ياخشىلىق گەرچە ئاددى بولسىمۇ ئۇنى تۆۋەن كۆرمەسلىككە رىغبەتلەندۈردى. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارغا ئوچۇق*-چېراي، خۇش- تەبەسسۇم بىلەن قاراشمۇ ياخشىلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مۇسۇلمان قېرىندىشى بىلەن ئۈلپەتلىشىش ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ئۆزىدە يېتىلدۈرىشى كېرەك.

فوائد الحديث

مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى دوستلۇق، خۇش-تەبەسسۇم ۋە ئۇچراشقان ۋاقىتتا خۇرسەن قىلىشنىڭ پەزىلىتى.

ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقىنى بايان قىلىش بولۇپ، شەرىئەت مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولىدىغان ۋە ئۇلارنى بىرلەشتۈرىدىغان ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كەلدى.

ياخشى ئىش گەرچە ئاز بولسىمۇ ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش.

مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىغا خۇرسەنلىك پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت كۈچىيىدۇ.

التصنيفات

گۈزەل ئەخلاقلار