ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمىغان كىشىگە ئاللاھ تائالامۇ رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ

ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمىغان كىشىگە ئاللاھ تائالامۇ رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ

جەرىر بىن ئابدۇللاھ بەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمىغان كىشىگە ئاللاھ تائالامۇ رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە؛ ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدىغان كىشىگە ئاللاھ تائالانىڭمۇ رەھىم-شەپقەت قىلمايدىغانلىقىنى، بەندىنىڭ كىشىلەرگە رەھىم -شەپقەت قىلىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە نائىل بولۇشىنىڭ كاتتا سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى.

فوائد الحديث

بارلىق مەخلۇقاتلار ئۈچۈن رەھىم-شەپقەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە ئىنسانلارنى خاس قىلىشى ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىندۇر.

ئاللاھ تائالا رەھىم-شەپقەت قىلغۇچى بولۇپ، بەندىلىرىدىن رەھىمدىل كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ، مۇكاپات ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.

كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىش دېگەن: ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، يامانلىقنى يوق قىلىش ۋە ئۇلارغا گۈزەل شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

التصنيفات

گۈزەل ئەخلاقلار