?سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ، ئاللاھ بەندىسىگە ئەپۇچانلىقنى زىيادە قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئەزىز بولىدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولغان كىشىنىڭ مەرتىۋېىسىنى ئاللاھ تائالا…

?سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ، ئاللاھ بەندىسىگە ئەپۇچانلىقنى زىيادە قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئەزىز بولىدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولغان كىشىنىڭ مەرتىۋېىسىنى ئاللاھ تائالا يۇقىرى قىلىدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ، ئاللاھ بەندىسىگە ئەپۇچانلىقنى زىيادە قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئەزىز بولىدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولغان كىشىنىڭ مەرتىۋېىسىنى ئاللاھ تائالا يۇقىرى قىلىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەدىقىنىڭ مالنى كېمەيتىۋەتمەيدىغانلىقىنى، بەلكى مالغا كېلىدىغان ئاپەتلەرنى يوق قىلىدىغانلىقى، مال ئىگىسىگە ئاللاھ كاتتا ياخشىلىقنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى، سەدىقە قىلىش بىلەن مالنىڭ كېمەيمەستىن زىيادە بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ بەردى. ئىنسان ئېنتىقام ئېلىشقا ياكى جازالاشقا قادىر بولۇپ تۇرۇغلۇق ئەپۇ قىلىۋەتسە، ئەپۇچانلىق ئۇ كىشىگە ئىززەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنى زىيادە قىلىدۇ. ئىنسان بىر كىشىدىن قورقماستىن، خوشامەت قىلماستىن، بىرەر مەنپەئەت تەلەپ قىلماستىن پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، كەمتەر بولىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپىتى ئۈستۈنلۈك ۋە شان-شەرەپ بولىدۇ.

فوائد الحديث

ياخشىلىق ۋە ئۇتۇق شەرىئەتكە بويسۇنۇش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن بولىدۇ، گەرچە بەزى كىشىلەر بۇنىڭ ئەكسىنى ئويلىسىمۇ.

التصنيفات

نەپلە سەدىقە, نەپلە سەدىقە