بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: باشقىلارغا تائام بېرىشىڭىز، سىز…

بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: باشقىلارغا تائام بېرىشىڭىز، سىز تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشىڭىز، دەپ جاۋاب بەرگەن

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: باشقىلارغا تائام بېرىشىڭىز، سىز تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشىڭىز، دەپ جاۋاب بەرگەن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلامدىكى ئەڭ ئەۋزەل خىسلەتلەر قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى خىسلەتنى زىكىر قىلدى: بىرىنچىسى: كەمبەغەللەرگە كۆپ يېمەكلىك بېرىش، سەدىقە، ھەدىيە، زىياپەت ۋە توي قاتارلىقلارمۇ يېمەك بېرىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر، بولۇپمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن، مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن ۋاقىتلاردا يېمەك بېرىش ياخشىدۇر. ئىككىنچىسى: تونىغان ياكى تونىمىغان ھەرقانداق بىر مۇسۇلمانغا سالام بېرىش.

فوائد الحديث

ساھابىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان ئىشلارنىڭ خىسلىتىنى بىلىشكە بەك ھېرىسمەن ئېدى.

سالام قىلىش ۋە يېمەك بېرىش بولسا ئىسلامدىكى ئەڭ ياخشى پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بولۇپ، كىشىلەر بۇنىڭغا ھەر ۋاقىت ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

بۇ ئىككى خىسلەت بىلەن ئاغزاكى ۋە ئەمەلى ياخشىلىق جۇغلىشىدۇ، بۇ مۇكەممەل ياخشىلىقتۇر.

بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرى بىلەن قىلىشىدىغان مۇئامىلىلىرىگە شۇنداقلا بەندىنىڭ رەببى بىلەن بولغان مۇئامىلىسىگە ئالاقىدار بولغان خىسلەتتۇر.

ئۆزئارا سالام قىلىش ۋە سالامنى بۇرۇن قىلىش دېگەن مۇسۇلمانلارغا خاس بىر ئىش بولۇپ، كاپىرغا دەسلەپتە سالام قىلىنمايدۇ.

التصنيفات

پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق, سالام بېرىش ۋە ئىزنە سوراشنىڭ ئەخلاقى