?ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن ئىخلاس سۈرىسى ۋە مۇئەۋۋەزەتەيننى ئوقۇساڭ، بۇ سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭغا كۇپايە قىلىدۇ» دېدى

?ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن ئىخلاس سۈرىسى ۋە مۇئەۋۋەزەتەيننى ئوقۇساڭ، بۇ سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭغا كۇپايە قىلىدۇ» دېدى

ئابدۇللاھ بىن خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىز يامغۇرلۇق بىر زۇلمەت كېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى بىزگە ناماز ئوقۇپ بىرەمدىكىن دەپ ئىزدەپ چىقتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى تاپتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سۆزلە» دېدى، مەن ھېچ نەرسە دېمىدىم، ئاندىن يەنە:«سۆزلە» دېدى، مەن ھېچ نەرسە دېمىدىم، ئاندىن يەنە:«سۆزلە» دېدى، مەن: نېمە دەيمەن؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن ئىخلاس سۈرىسى ۋە مۇئەۋۋەزەتەيننى ئوقۇساڭ، بۇ سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭغا كۇپايە قىلىدۇ» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئۇلۇغ ساھابە ئابدۇللاھ بىن خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئۇلار بەك يامغۇر يېغىۋاتقان قاراڭغۇ بىر كېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئىزدەپ چىقىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى تاپتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:«سۆزلە» يەنى ئۇقۇغىن دېدى، ئۇ ھېچ نەرسە ئوقۇمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزىنى قايتا تەكرارلىدى، ئابدۇللاھ: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! نېمە ئوقۇيمەن؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:« ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن ئىخلاس سۈرىسى ۋە مۇئەۋۋەزەتەيننى ئوقۇساڭ، بۇ سېنى ھەرقانداق يامانلىق ۋە ناچار ئىشتىن مۇھاپىزەت قىلىدۇ»دېدى.

فوائد الحديث

ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن ئىخلاس سۈرىسى ۋە مۇئەۋۋەزەتەيننى ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىنساننى ھەرقانداق يامانلىقتىن ساقلايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئىخلاس سۈرىسى ۋە مۇئەۋۋەزەتەين سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ.

التصنيفات

ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك زىكىرلەر