مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشى ئۈچراشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن گۇناھلىرى كەچۈرلىدۇ

مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشى ئۈچراشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن گۇناھلىرى كەچۈرلىدۇ

بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشى ئۇچرۇشۇپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن گۇناھلىرى كەچۈرلىدۇ

[بۇھەدىس ھەممە سەنەدلىرى ۋە بۇنى ئىسپاتلايدىغان شاھىتلىرى بىلەن سەھىھ ياكى بولمىغاندا ھەسىندۇر] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

رەسۇلۇللاھنىڭ: «مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشى ئۇچرۇشۇپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە» دېگىنى: ئۇلار كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىنلا گۇناھلىرى كەچۈرلىدۇ، دېگەن مەنىدە. «ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرىلىدۇ» يەنى ياخشى ئەمەللەر كىچىك گۇناھلارنى يۇيىلىدۇ، «ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن» دېگىنىدىن: كۆرۈشۈشنى تەكىتلەش ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش چىقىدۇ. ئەمما ئەر كىشىنىڭ يات ئايال بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشتەك ھارام قىلىنغان كۆرۈشۈشلەر بۇنىڭغا كىرمەيدۇ

التصنيفات

ياخشى ئەمەللەرنىڭ پەزىلىتى, سالام بېرىش ۋە ئىزنە سوراشنىڭ ئەخلاقى