إعدادات العرض
كىيىم تولا كېيىش بىلەن كونىرىغاندەك سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىكى ئىمانمۇ كونىرايدۇ، ئاللاھ تائالادىن دىلىڭلاردىكى ئىماننى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراڭلار
كىيىم تولا كېيىش بىلەن كونىرىغاندەك سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىكى ئىمانمۇ كونىرايدۇ، ئاللاھ تائالادىن دىلىڭلاردىكى ئىماننى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراڭلار
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىيىم تولا كېيىش بىلەن كونىرىغاندەك سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىكى ئىمانمۇ كونىرايدۇ، ئاللاھ تائالادىن دىلىڭلاردىكى ئىماننى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراڭلار»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)]
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy or Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore Kurdî Oromoo Wolof Soomaali Français Azərbaycan Tagalog Українська bm தமிழ் Deutsch ქართული Português Македонски Magyar فارسی Lingala Русский 中文الشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېڭى كىيىمنى ئۇزۇن ۋاقىت كەيسە كونىرغانغا ئوخشاش مۇسۇلماننىڭ قەلبىدىكى ئىماننىڭمۇ كونىراپ، ئاجىزلىشىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. بۇ ئىبادەتتىكى سۇسلۇق، گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىش ۋە نەپسى-شەھۋەتكە چۆمۈپ كىتىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش، كۆپ زىكىر ئېيتىش ۋە ئىستىغپار ئېتيىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئىمانىمىزنى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراشقا تەۋسىيە قىلدى.فوائد الحديث
ئاللاھ تائالادىن دىندا مۇستەھكەم قىلىشنى ۋە دىلدىكى ئىماننى يېڭىلاپ بېرىشنى سوراشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
ئىمان دېگەن: دىلى بىلەن ئېتىقاد قىلىش، تىلى بىلەن ئىقرار قىلىش ۋە ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىش بولۇپ، تائەت-ئىبادەت بىلەن زىيادە بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن كەم بولىدۇ.
التصنيفات
ئىماننىڭ كەم-زىيادە بولىشى