إعدادات العرض
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى زىكىر قىلدى، ئاندىن: «ئاشۇ ئىش ئىلىم كېتىپ قالغان ۋاقىتتا بولىدۇ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى زىكىر قىلدى، ئاندىن: «ئاشۇ ئىش ئىلىم كېتىپ قالغان ۋاقىتتا بولىدۇ
زىياد بىن لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى زىكىر قىلدى، ئاندىن: «ئاشۇ ئىش ئىلىم كېتىپ قالغان ۋاقىتتا بولىدۇ»دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئىلىم قانداق كېتىپ قالىدۇ؟ بىز قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ تۇرىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا ئۈگۈتىمىز، ئۇلارمۇ قىيامەتكىچە ئەۋلادلىرىغا ئۈگىتىدۇ،؟، دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاناڭ ساڭا يىغلاپ قالسۇن زىياد! مەن سېنى مەدىنىدە دىننى چۈشىنىدىغان كىشىلەردىن دەپ قارايتتىم، مۇشۇ يەھۇدى ۋە ناسارالارمۇ تەۋرات ۋە ئىنجىلارنى ئوقۇيدۇ ئەمما ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلمايدۇ ئەمەسمۇ؟» دېدى.
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore Kurdî Wolof Soomaali Français Oromoo Azərbaycan Tagalog Українська mr தமிழ் bm Deutsch ქართული Português Македонски Magyar Русский 中文 فارسی yaoالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ: «مۇشۇ ۋاقىت كىشىلەردىن ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ ۋە تارتىۋېلىنىدىغان ۋاقىتتۇر»دېدى. زىياد بىن لەبىيد ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سۆزدىن ھەيران قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىدى، ئىلىم بىزدىن قانداق كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ، قانداق زايە بولۇپ كېتىدۇ؟ بىز قۇرئاننى ئوقۇدۇق، ياد قىلدۇق، ئاللاھ بىلەن قەسەم! بىز ئەلۋەتتە قۇرئاننى ئوقۇيمىز، ئاياللىرىمىزغا ئوقۇتىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا ئوقۇتىمىز، ئەۋلادلىرىمىز ئەۋلادلىرىغا ئۈگىتىدۇ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەئەججۈپلىنىپ مۇنداق دېدى: «ئى زىياد! ئاناڭ ساڭا يىغلاپ قالسۇن، مەن سېنى مەدىنە ئەھلىنىڭ ئۆلىمالىرىدىن دەپ ھېسابلايتتىم». ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىپ بەردى: ئىلىمنىڭ يوقۇلىشى قۇرئاننىڭ يوقۇلىشى ئەمەس، لېكىن ئىلىمنىڭ يوقۇلىشى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنىڭ يوق بولىشىدۇر يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ يېنىدا تەۋرات بىلەن ئىنجىل بولماقلىقى بىلەن ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، ئۇلار ئىنجىل، تەۋراتنىڭ ئەسلى مەقسىدىدىن پايدىلىنالمىدى، ئۇ بولسىمۇ بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشتۇر.فوائد الحديث
كىشىلەرنىڭ قوللىرىدا قۇرئان ۋە كىتاپلار بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا ھېچ پايدىسى بولمايدۇ.
ئىلىمنىڭ كۆتۈرلۈپ كېتىشى بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلار بىلەن بولىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولىشى، ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ۋاپات بولىشى ۋە ئىلىمگە ئەمەل قىلىنماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.
ئىلىمنىڭ كۆتۈرلۈپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىنماسلىق قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.
بۇ ھەدىستىن بولغان مەقسەت ئىلىمگە ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.