إعدادات العرض
سەن ئۇنىڭ قىشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: سەن دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس، بەلكى سەن جەننەت ئەھلىدىن» دېگىن دېگەن كاتتا بىشارەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە سابىتنىڭ ئۆيىگە باردى
سەن ئۇنىڭ قىشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: سەن دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس، بەلكى سەن جەننەت ئەھلىدىن» دېگىن دېگەن كاتتا بىشارەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە سابىتنىڭ ئۆيىگە باردى
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سابىت بىن قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بىر قانچە كۈن كۆرمىگەندىن كېيىن سۈرۈشتە قىلدى، بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن سىلىگە ئۇنىڭ خەۋېرىنى ئۇقۇشۇپ كېلەي دەپ سابىتنىڭ ئۆيىگە كەلسە، سابىت ئۆيىدە بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ كىشى سابىتتىن: ساڭا نېمە بولدى؟ دەپ سورىغاندا، سابىت: بەك يامان بولدى، سابىت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۈستىدە ئۈنلۈك سۆز قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتتى، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كەتتى دېدى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەردى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «سەن ئۇنىڭ قىشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: سەن دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس، بەلكى سەن جەننەت ئەھلىدىن» دېگىن دېگەن كاتتا بىشارەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە سابىتنىڭ ئۆيىگە باردى».
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া دری Fulfulde Кыргызча Lietuvių Kinyarwanda नेपाली മലയാളം Bosanski Italiano ಕನ್ನಡ Kurdî Oromoo Română Shqip Soomaali Српски Wolof Українська Moore Tagalog தமிழ் Malagasy Azərbaycan فارسی ქართული 中文 Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سابىت بىن قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى جامائەت ئارىسىدا كۆرمىگەندىن كېيىن ئۇنى سۈرۈشتۈردى، ساھابىلاردىن بىرى: مەن سىلىگە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن جامائەتكە كەلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئۇقۇپ كېلەي دەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان ئېدى، ئۇ ئۆيىدە بېشىنى ساڭگىلىتىپ بەك غەمكىن ھالەتتە ئوتۇرغانلىقىنى كۆردى، ئۇ كىشى: ساڭا نېمە بولدى؟ دەپ سورىدى. سابىت ئۆزىدىكى بىر يامان ئىشتىن خەۋەر بەردى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىدىن ئۈنلۈك چىقاتتى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەردىن ئۈنلۈك سۆز قىلغانلارغا ئازابنى ۋەدە قىلىپ، ئۇنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى ۋە دوزاخ ئەھلىدىن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئايەت نازىل قىلغان. ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ بولغان ئەھۋالنى خەۋەر قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى قايتىدىن سابىتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ئۇنىڭ دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس بەلكى جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا خۇش بىشارەت يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى. ئۇنداق بولىشى، ئۇنىڭ ئاۋازى ئەسلى تەبىئىتىدىن ئۈنلۈك ۋە يۇقىرى ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئەنسارىيلارنىڭ نۇتۇق سۆزلىگۈچىسى ئېدى.فوائد الحديث
بۇ ھەدىس سابىت بىن قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇ كىشىنىڭ جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا كۆڭۈل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بىرەتتى.
ساھابىلار (ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۇلارغا بولسۇن) ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتي.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئەدەپ بىلەن سۆز قىلىش ۋاجىپ بولغاندەك، ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ھەدىسلىرىنى ئاڭلىغاندا ئەدەپنى لازىم تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ.