إعدادات العرض
ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ھەدىسلەرنى سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى تىڭشىماڭلار،…
ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ھەدىسلەرنى سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى تىڭشىماڭلار، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭلار
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ھەدىسلەرنى سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى تىڭشىماڭلار، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭلار».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া دری Кыргызча Lietuvių Kinyarwanda नेपाली മലയാളം Bosanski Italiano ಕನ್ನಡ Kurdî Oromoo Română Shqip Soomaali Српски Українська Wolof Tagalog Moore Malagasy தமிழ் Azərbaycan فارسی ქართული 中文 Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەتكە يېقىن ئۈممىتىنىڭ ئاخىرىدا بىر تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چېقىپ يالغاننى توقۇپ ئۇلاردىن ئىلگىرى ھېچ كىشى دېمىگەن سۆزلەرنى دەيدىغانلىقى، يالغان، توقۇلما ھەدىسلەر بىلەن خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ توقۇلما-يالغان ھەدىسلىرى كۆڭلىمىزگە ئورناپ قىلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتىن ئاجىز كىلىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشقا، ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇش-قوپۇش قىلماسلىققا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىققا بۇيرىدى.فوائد الحديث
بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغىنى پەيغەمبەرلىكنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىر ئالامەتتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتى ئارىسىدا كەلگۈسىدە يۈز بېرىشىدىن خەۋەر بەرگەن ئىش، خۇددى ئۇ خەۋەر بەرگەندەك بولدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئىسلام دىنىغا تۆھمەت قىلىدىغان كىشىلەردىن يىراق تۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ يالغان سۆزلىرىگە قۇلاق سالماسلىق.
ھەر قانداق ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ياكى تارقىتىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ۋە تەكىتلەش زۆرۈر بولىدۇ.