كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن بىر مەسچىت بىنا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى بىنا قىلىدۇ»دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ

كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن بىر مەسچىت بىنا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى بىنا قىلىدۇ»دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ

مەھمۇد بىن لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئوسمان بىن ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى كېڭەيتىپ ياسىماڭچى بولغاندا كىشىلەر بۇنى ياقتۇرمىدى، مەسچىتنى ئەسلى ھالىتىدە قالدۇرۇشنى ياخشى كۆردى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ:«كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن بىر مەسچىت بىنا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى بىنا قىلىدۇ»دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئوسمان بىن ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى بۇرۇنقىدىن كېڭەيتىپ گۈزەل شەكىلدە قايتىدىن ياسىماڭچى بولغاندا كىشىلەر بۇنى ياقتۇرمىدى، چۈنكى قايتا بىنا قىلغاندا مەسچىتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياسالغان شەكىللىرى ئۆزگىرىپ كېتەتتى. مەسچىتنىڭ تېمى قىش بىلەن قوپۇرۇلغان، ئۈستى خورما شاخلىرى بىلەن يېپىلغان ئېدى، لېكىن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتنى تاش ۋە گەج بىلەن ياساشنى مەخسەت قىلغان ئېدى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەدىسنى سۆزلەپ: «كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەخسەت قىلىپ، رىيا قىلماستىن ۋە باشقىلارغا ئاڭلىتىشنى مەخسەت قىلماستىن مەسچىت بىنا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ تۈرىدىن ياخشى بولغان مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ئۇ مۇكاپات بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر قەسىر بىنا قىلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

فوائد الحديث

مەسچىت ياساشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى.

مەسچىتنى كېڭەيتىش ۋە رىمىنۇت قىلىپ يېڭىلاشمۇ مەسچىت بىنا قىلغاننىڭ پەزىلىتى دائىرىسىگە كېرىدۇ.

بارلىق ئىشلارنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن خالىس قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى.

التصنيفات

مەسجىدلەر ھۆكمى