ئۇلار ئۆز ئىچىدە بىر سالىھ بەندە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ

ئۇلار ئۆز ئىچىدە بىر سالىھ بەندە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ

مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندا كۆرگەن مارىيە ئىسىملىك بىر چېركاۋنى تىلغا ئېلىپ ئۇ چېركاۋدا ئۆزى كۆرگەن سۈرەتلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەسۋىرلەپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:« ئۇلار ئۆز ئىچىدە بىر سالىھ بەندە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى سىلەر كۆرگەن ئاشۇ سۈرەتلەردەك مەسچىتكە چۈشۈرۈپ قوياتتى، ئەنە شۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدۇر

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندا كۆرگەن مارىيە ئىسىملىك بىر چېركاۋنى تىلغا ئېلىپ ئۇ چېركاۋدا كۆرگەن نەقىش، سۈرەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەسۋىرلەپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۈرەت قويۇشتىكى سەۋەپلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەن ئەھۋالىنى بايان قىلغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى كىشىدىن بىرسى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇ يەردە ناماز ئوقۇيتتى ۋە ئۇنىڭ سۈرەتلىرىنى تىكلەيتتى». بۇنداق قىلغۇچى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ناچىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، چۈنكى ئۇنىڭ قىلمىشى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ.

فوائد الحديث

قەبرىستانلىققا ياكى قەبىرلەرنىڭ ئۈستىگە مەسچىت بىنا قىلىش ياكى ۋاپات بولغانلارنى مەسچىتكە دەپنە قىلىشنى چەكلەش بولسا، شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھارام قىلىندى.

قەبرىستانلىققا ياكى قەبىرلەرنىڭ ئۈستىگە مەسچىت بىنا قىلىش ۋە ئۇ يەرگە سۈرەت تىكلەش بولسا يەھۇدى، ناسارالارنىڭ قىلمىشىدۇر، بۇنداق ئىشنى قىلغان كىشى ئۇلارغا ئوخشىۋالغان بولىدۇ.

جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى ياساش ھارامدۇر.

قەبىرگە مەسچىت بىنا قىلغان، ئۇنىڭدا سۈرەتلەرنى ئويدۇرغان كىشى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئەڭ ناچىرىدۇر.

شەرىئەت تەۋھىدنى مۇكەممەل ھىمايە قىلىدۇ، شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان بارلىق ۋاستىلارنى چەكلەيدۇ.

ياخشى كىشىلەر توغرىسىدا چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ شېرىككە چۈشۈپ قىلىشقا سەۋەپ بولىدۇ.

التصنيفات

ئاللاھنى ئىلاھلىقتا بىر دەپ ئىشىنىش, ئاللاھنى ئىلاھلىقتا بىر دەپ ئىشىنىش, مەسجىدلەر ھۆكمى, مەسجىدلەر ھۆكمى