إعدادات العرض
مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، نامازنى تولۇق ئادا قىلىش، زاكاتنى…
مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، نامازنى تولۇق ئادا قىلىش، زاكاتنى بېرىش، ھەقنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، ھەر بىر مۇسۇلمانغا سەمىمى بولۇشتىن ئىبارەت ئىشلارغا بەيئەت قىلدىم
جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، نامازنى تولۇق ئادا قىلىش، زاكاتنى بېرىش، ھەقنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، ھەر بىر مۇسۇلمانغا سەمىمى بولۇشتىن ئىبارەت ئىشلارغا بەيئەت قىلدىم.
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Kiswahili Português සිංහල Svenska ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Tiếng Việt پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or Malagasy नेपाली Čeština Oromoo Română Nederlands Soomaali తెలుగు മലയാളം ไทย Lietuvių Српски Kinyarwanda Shqip ಕನ್ನಡالشرح
ساھابىلاردىن جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: تەۋھىدتە چىڭ تۇرۇش، بىر كېچە-كۈندۈزدە ئادا قىلىش پەرز بولغان بەش ۋاقىت نامازنى پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە مۇستەھەپلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىش، مالىيە ئىبادەتتىن ئىبارەت بولغان بايلاردىن ئېلىپ ھەقلىق بولغان كەمبەغەللەرگە ۋە باشقا تۈردىكىلەرگە بېرىلىدىغان ئىقتىسادنىڭ زاكىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، مۇسۇلمان رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىش، بارلىق مۇسۇلمانلارغا سەمىيمى بولۇش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە ھېرىسمەن بولۇش، ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارغا يېتىدىغان يامانلىقنى توسۇش قاتارلىقلار ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ.فوائد الحديث
ناماز بىلەن زاكاتنىڭ مۇھىملىقى، چۈنكى ئۇ ئىككىسى ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىندۇر.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا سەمىيمى بولىشى، بىر-بىرىگە نەسىھەت قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى، ھەتتا ساھابىلارنىڭ بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغانلىقى بايان قىلنىدۇ.
التصنيفات
نامازنىڭ پەزىلىتى