جەننەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئايىغىنىڭ بۇغۇچىدىنمۇ يېقىندۇر، دوزاخمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يېقىندۇر

جەننەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئايىغىنىڭ بۇغۇچىدىنمۇ يېقىندۇر، دوزاخمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يېقىندۇر

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئايىغىنىڭ بۇغۇچىدىنمۇ يېقىندۇر، دوزاخمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يېقىندۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئىنسانغا پۇتىدىكى ئايىغىنىڭ بۇغۇچىدىنمۇ يېقىن ئېكەنلىكىنى بايان قىلىپ؛ ئىنسان ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغان تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كىرىدىغانلىقى، گۇناھ مەسىيەت ئىشلەش سەۋەبلىك دوزاخقا كېرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

فوائد الحديث

ئاز بولسىمۇ ياخشىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاز بولسىمۇ يامانلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.

مۇسۇلمان ھاياتىدا ئاللاھدىن قورقۇش بىلەن رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىشنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك، ئاللاھ تائالادىن دائىم ھەتتا ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۆزگەرمەستىن ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى سوراش كېرەك.

التصنيفات

جەننەت ۋە دوزاخنىڭ سۈپەتلىرى